مۇخبىرنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ، شىزاڭدا ساياھەت كەسپى بىلەن قاپلانمىغان يەر قالمىغان ، كەسىپ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان بولۇپ ، ھازىر 250 مىڭ ئادەم ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋىتىپتۇ.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، بۇ يىل يىل بېشىغىچە ، شىزاڭدىكى ھەرخىل ساياھەت كەسپى كارخانىلىرى 1365 كە يەتكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ،ساياھەت كوپىراتىپى 104 كە ، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلار 194 كە ، ساياھەت ماشىنىسى شېركەتلىرى 7 گە ، ھەرقايسى ساياھەت نۇقتىلىرىدىكى ساياھەت ماشىنىلىرى 3250 كە يەتكەن . پۈتۈن كەسىپنىڭ مۇقىم مەبلىغى 15 مىليارد يۈەن بولۇپ ، ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ سانى 247 مىڭ 800 گە يەتكەن .
ھازىر شىزاڭدا دۆلەت A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى 70 تىن، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى 300 دىن كۆپرەك ئىكەن . ساياھەتچىلەر مەنبەسىمۇ بۇرۇنقى يالغۇز چەتئەللىك مېھمانلاردىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى دۆلەت ئىچى ، ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى مېھمانلارغا كېڭەيتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قېتىق بايرىمى ، جۇفىڭ مەدەنىيەت بايرىمى ، ئات بەيگىسى بايرىمى قاتارلىق يەرلىك پۇراققا ئىگە ، مىللىي ئۇسلۇبتىكى بايراملار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، مىللىي ساياھەتچىلىك ، ئىكولوگىيىلىك ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئېكسپېدىتسىيە، دالا پائالىيىتى ، تاۋاپ قىلىش قاتارلىق مەخسۇس ساياھەت تۈرلىرىگە ئاساس سېلىنغان . 2011-يىلى شىزاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 8 مىليون 697 مىڭ 600 گە يېتىپ ، ساياھەتتىن قىلىنغان ئومۇمىي كىرىم 9 مىليارد 706 مىليون يۈەنگە يەتكەن .
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈ يۈنگۈي مۇنداق دېدى : <12-بەش يىللىق پىلان> مەزگىلىدە ، شىزاڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ساياھەتنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش پىلانىنى يولغا قويىدۇ، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ساياھەتچىلەر ئومۇمىي سانى 15 مىليونغا ، ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىم 18 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزىلىدۇ .ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار سانى 300 مىڭغا يەتكۈزۈلۈپ ، ساياھەتچىلىك كەسپى مۇقىم مەبلىغى 25 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزىلىدۇ
چىكاگودا مەكتەپ ئاپتوبوسى قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ بەخىتكە ...
ئوباما ماشىنا ئەتىرىتى ھادىسىگە يۇلۇقۇپ موتسىكىلىتلىق ساقچ...
دېڭىز ئارمىيەسىدىكى ئۇيغۇر قىز ئەسكەرلەر «جىڭگاڭشەن» نومۇر...
نوكىيا 4 ديۇيىملىق Windows Phone 8 يانفونى «Flame» نى ئېلان قىلىشى مۇم...
ئىراقنىڭ 11 شەھىرىدە زەنجىرسىمان پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بىرى...
بېكخام بىلەن ۋىكتورىيە ئوماق قىزىنى ئېلىپ مودا كىيىم كۆرگەز...
جاڭ چۈنشيەن ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بىلايىر بىلەن كۆرۈ...