شىنيۈ گېزىتى خەۋىرى، 23 ياشلىق تەن توردا پاراڭلىشىشقا ئامراق بولۇپ 7-ئايدا ئۇ توردا شىنيۈدە ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان يىچۈنلىق قىز يۈەن بىلەن تونۇشۇپ قالغان،8-ئاينىڭ 9-كۈنى ،تەن كاۋاپ يىيىشنى باھانە قىلىپ يۈەننى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلغان،يۈەن ناھايىتى خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولغان.شۇ كېچە سائەت 7دە،ئىككىسى تاماق يىگەچ پاراڭلاشقان،شۇنىڭدىن كېيىن تەن يۈەننى ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ جىنىسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.يۈەن ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلغان ھەم ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان،لېكىن تەن ئۇنى مەجبورىي كارۋاتقا يېقىتقان،يۈەن توختىماي قارشىلىق قىلغانلىقتىن تەن ئۇنىڭ گېلىنى سىقىپ زورلۇق قىلغان،ئىشتىن كېيىن يۈەننىڭ تېنىقىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى بايقىغان.
ساقچى تەرەپ دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ سوراش ئارقىلىق تەننىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى مۇقىملاشتۇرغان،يۇشۇرنىۋالغان تەن جامائەت خەۋىپسسىزلىك ئورنىغا بىرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.