جۇڭگودا كارىۋاتلىق ئاپتوبۇس ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مەنئى قىلىندى

0 2012-09-12 10:27:53   خەلق تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسنىڭ ئىشلىتىلىش سەۋەبى: جۇڭگودا ئۇزۇن يوللۇق كارىۋاتلىق يولۇچىلار تىرانسپورتىنىڭ گۈللىنىشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كىشىلەر ئېقىمى ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئېقىمىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى. بۇ ئارقىلىق يولۇچىلار ئۇخلىغاچ سەپەر قىلالايدۇ، شۇنداقلا چەكلىك بوشلۇققا ئورۇندۇقلۇق ئاپتوبۇسنىڭكى بىلەن تەڭ ساندىكى يولۇچىنى سىغدۇرغىلى بولىدۇ، جۇڭگونىڭ لايىھەلىگۈچىلىرى ئىككى قەۋەتلىك كارىۋاتلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى لايىھەلىدى، بۇ ئاپتوبۇسنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە يولۇچى توشۇش تەننەرخى ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتىكى ئادەتتىكى ئاپتوبۇسنىڭكىدىن تۆۋەن.

كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى: ھالبۇكى، 2000 – يىلىدىن باشلاپ كارىۋاتلىق ئاپتوبۇس بازىرى دۇچ كەلگەن بېسىم بارغانسېرى ئېغىرلاشتى، ئاپتوبۇس ئىچىنىڭ مۇھىتى ناچار، قىستاڭچىلىق، ھاۋا ئالماشتۇرۇشى ياخشى ئەمەس، تازىلىقى ناچار بولغاچقا، بۇنداق ئاپتوبۇسنىڭ بازىرى يىلدىن – يىلغا كاساتلاشتى.

كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسنىڭ زىيىنى: ئاپتوبۇسنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى يۇقىرى، ئارىلىق يولى تار، يېنىشچان ماددىلار كۆپ بولىدۇ، قاتناش ھادىسىسى ئاسان يۈز بېرىدۇ، ھادىسە كۆرۈلسە، كېلىپ چىقىدىغان زىيان ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەملىكىتىمىزدىكى كارىۋاتلىق ئاپتوبۇس ئومۇمىي چوڭ ئاپتوبۇس سانىنىڭ %1ىنى ئىگىلەيدىكەن، بىراق كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلاردىن چىققان ھادىسىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار چوڭ ئاپتوبۇسلارغا چېتىشلىق ھادىسىلەردە قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %10ىنى ئىگىلەيدىكەن.

كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسنىڭ بازاردىن چېكىنىشى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بۇلتۇر ج خ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى توختىتىشنى، ج خ ئورگانلىرى ۋە قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملاشنى توختىتىشىنى بەلگىلىدى. بۇ، كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسنىڭ بەش يىلدىن كېيىن ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار تىرانسپورت بازىرىدىن چېكىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博