ئەنگىليەدە 58 ياشقا كىرگەن ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى « ئات مىنىش ئۇسۇلى » نى ئويناپ كىشىلەرنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان

0 2013-06-05 11:12:45   163.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  يەر شارى تورىنىڭ ئونۋىرسال خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جىياڭنەن سىتايىل (style ) تېمىدىكى مۇزىكا پۈتۈن يەر شارى مىيقىياسىدا ئوت بۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ، " ئات مىنىش ئۇسۇلى" نى تەقلىد قىلىپ ئويناش يۇقىرى دولقۇنغا چىققان.

   بۇ يىل بۇ ناخشىغا بولغان مودا ئېڭى ، دوراش پائالىيتى تېخى پەسىيىپ قالمىغان. ئەنگليەنىڭ " كۈندىلىك پوچتا گېزىتى " 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىليەدىكى بىر نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى مۇشۇ ئۇسۇلنى ئوينىغان كۆرىنىشى تورغا چىقىرۋىتىلگەن.

   ئەنگىليە Penketh High School مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى Jeff Hughes ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا " ئات مىنىش ئۇسۇلى " نى ئويناپ بىرىشتەك ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئۇسۇلنى ئويناپ بەرگەن بۇلۇپ، سۈرئەتلىك كۆرىنىشى تورغا چىقىرۋىتىلگەندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە چىكىلىش قېتىم سانى 122435 بارغان.

   ئىگەلىنىشىچە: بۇ مەكتەپ مۇدىرى بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن بۇلۇپ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پىنسىيەگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ قىلغان ۋەدىسىنى ئۇرۇنداپ بەرگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博