مۇشەررەف قوغدىغۇچىلىرىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ سوت مەھكىمىسىدىن ئايرىلماقتا
18 -ئاپرېل ، پاكىستاندا دىراماتىك بىر ئىش يۈز بەردى : سابىق زۇڭتۇڭ مۇشەررەف سوت مەھكىمىسىگە كېپىللىككە بېرىش بۇيرۇقىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلغىلى بارغاندا ، ئەكسىچە ، تۇتۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان ، بۇنىڭغا تەن بەرگۈسى كەلمىگەن مۇشەررەف قوغدىغۇچىلىرىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا ساقچىلارنىڭ مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، سوت مەھكىمىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ ، ئالدىراپ-تېنەپ قېچىپ كەتكەن .
بۇ مۇشەررەفنىڭ سىياسىي ھاياتىدا ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ ئوڭۇشسىزلىقى . ئالدىنقى ئايدا ، ئۇ تالىباننىڭ ‹‹ يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ›› تەھدىتلىرىگە قارىماستىن ، پاكىستانغا قايتىپ كەلگەن ، بىراق ، ئۇنىڭ تۆت رايونغا سۇنغان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ ، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشتەك شېرىن چۈشى بەربات بولۇپ، سىياسىي ھاياتىمۇ يار لېۋىگە بېرىپ قالغان.
ساچىر خانىمنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا 19 ياشلىق قىز نەۋرىسى ھەممىن...
مېكىسىكىدا ‹‹مومايلار خانىشى››نى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈز...
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خاس ئەلچىسى ئەركىن ئىمىرباقى ۋېنېسۇئېلا...
<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>دىكى مۇخبىر قىز <چاسا يول> قۇرۇلۇشىدا ...
كورىيەدە ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى ئۈچ ق...