كورىيەدە ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن

0 2013-04-19 10:52:05   huanqiu.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

كورىيەدە ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن

    جۇڭگو رادىئو تورىنىڭ 18 – ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو ئاۋازى «پۈتۈن يەر شارىدىكى جۇڭگو تىلى رادىئو تورى» خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە ساقچى نازارىتى يېقىندا مۇنداق جاكارلىغان، ئەرلەر ئاياللاردىن ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق مۇھەببەت تەلەپ قىلسا، يېنىك جىنايەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    كورىيە ساقچى نازارىتى مۇشۇ ئاينىڭ 11 – كۈنى ساقچى نازارىتىنىڭ بلوگىدا پۇقرالارغا مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، ناۋادا ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق تەلەپ قويۇپ، كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسا ياكى يات جىنىسلار بىلەن ئالاقە قىلماقچى بولسا، بۇ جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.
   كورىيە ساقچى نازارىتىنىڭ مۇشۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىشىدىكى سەۋەب، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يات جىنىسلارنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا بىر بىرىنى قوغلىشىش ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بەرگەن، ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن قارشى تەرەپنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە ھاياتىغا تەھدىت سالىدىغان جىنايى ئىشلار دېلولىرى يۈز بەرگەن. بۇنىڭ ئىپادىلىنىدىغان ئاساسلىق شەكلى يانفون ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش ياكى توختىماي تېلېفون قىلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپكە تەھدىت سېلىش، ياكى تۇيۇقسىز قارشى تەرەپنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ، قارشى تەرەپنى قورقۇتىۋېتىش.
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئاياللارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى چاقىرىقلىرى بارغانسېرى ئەدەپ كەتكەن، ئەمەلىيەتتە بۇبەلگىلىمە قانۇننىڭ بىر ماددىسى سۈپىتىدە ئالدىنقى ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. بۇ قانۇن ماددىسىغا ئاساسەن، قارشى تەرەپ رەت قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، يەنىلا ئۇنىڭدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈشۈش تەلىپى قويسا، ياكى مۇھەببەتلىشىشنى تەلەپ قىلسا، بۇ خىل يولسىز تەلەپ «شەكلى ئۆزگەرگەن قوغلاش ھەرىكىتى» دەپ قارىلىدۇ. ئۈچ قېتىمغا يەتمىگەن ھالەتتىمۇ، قارشى تەرەپنى قوغلىشىش ئۇسۇلى ۋە چارىسى مۇۋاپىق بولماي، قارشى تەرەپ قورقۇنچ ھېس قىلسا، ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئىز قوغلاپ پاراكەندىچىلىك سالغان بولسا، بۇمۇ جىنايەتكە ياتىدۇ.
ساقچى تەرەپ مۇنداق تەكىتلىدى، بۇ جىنايەتنى بېكىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى قارشى تەرەپ چوقۇم رەت قىلغان بولۇش كېرەك، ناۋادا رەت قىلغانلىقى ئېنىق بولمىسا قارشى تەرەپ ئەگىشىۋالسىمۇ ياكى مۇھەببەت تەلەپ قىلسىمۇ بۇ قانۇنغا خىلاپ بولمايدۇ.
يېڭى قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كورىيە جەمئىيىتىدە ئەر ئاياللار مۇھەببىتى ئۈستىگە بىر خىل يېڭى مودا قوشۇلغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت دېگەن بۇ نەرسىدىن زېرىككەنلىكى، بولۇپمۇ زادىلا بەل قويۇۋەتمەي قەتئىي قوغلىشىدىغان كىشىلەرنى بىر خىل پاراكەندىچىلىك سالدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كورىيەلىك ئەرلەردە نام شەرەپنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، رەت قىلىنسىمۇ قىزلارنى قوغلىشىدىغان بۇ خىل كىشىلەر ئاز. رەت قىلىنغان ھامان ۋاز كېچىدىغانلار يەنىلا ناھايىتى كۆپ. كىشىلەر ھازىر بۇرۇنقىدەك «مارافونچە يۈگۈرۈش » ئۇسۇلى بويىچە قوغلىشىدىغان شەكىلنى ياقتۇرمايدىغان بولدى. ئۇلار ھازىر يالغۇز قالدۇق، دەپ توۋلىشىدۇ، بۇ يېڭى قانۇنلارنىڭ بۇ ئەر، بۇ ئاياللارنى تېخىمۇ يالغۇز قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博