چىرايى بۇزۇۋېتىلگەن ئىرانلىق ئانا-بالا

0 2013-04-18 11:34:14   خەلىقارا ئاخبارات لىنيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     

      بىر كۈنى سەھەردە، ئىرانلىق ئايال سومەييەھ مېھرى (Sommayeh Mehri) نىڭ ئېرى ئايالى ۋە ئىككى گۆدەك قىزىنىڭ قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ، بىر تۇڭ سۇلفۇرىك كىسلاتا (گۈڭگۈرت كىسلاتا) نى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چېچىۋەتتى . بۇندىن بۇرۇن ، ئۇ ئايالىنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى . ھازىر ، سومەييەھنىڭ يۈزى ۋە بىلىكى پۈتۈنلەي تاتۇق بولۇپ كەتكەن ، بىر كۆزىمۇ پۈتۈنلەي ئېرىپ تېرىسىگە كىرىپ كەتكەن بولۇپ ، پەقەت يەنە بىر كۆزى بىلەنلا ئاجىز يورۇقلۇقنى ھېس قىلالايدۇ . ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن كىچىك قىزى رانانىڭ چىرايىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان بولۇپ ، بەدىنىنىڭ %60 تېرىسى كۆيۈپ جاراھەتلەنگەن .

       نۆۋەتتە، ئانا-بالا ئىككىسى بىلەن يېزىدىكى ئۆيىدىن تېھراندىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ-كېلىپ ، بىر قانچە قېتىملىق ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلغان بولۇپ ، يەنە تېخىمۇ كۆپ داۋالاشقا موھتاج ئىكەن . دوختۇر ئانىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، قىزىنىڭ چىرايىنى تۈزەشنى ئۈمىد قىلىدىكەن .

  بىراق ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ ھەققانىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش-كەلتۈرەلمەسلىكى يەنىلا بىر مەسىلە . ئىسلامنىڭ ‹‹كۆز قۇيغاننىڭ كۆزىنى قۇي ›› ( قانغا قان ، جانغا جان ) دېگەن جازا نىزامى بويىچە ، سومەييەھنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار ھەم سۇلفۇرىك كىسلاتا بىلەن ئېرىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ ، ئۇنىڭ چىرايىنى بۇزۇپ ، كۆزىنى قارىغۇ قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ. ھالبۇكى ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئاجرىشىشىنى ئارقىغا سۆرەپ تېخىچە تەستىق سالمايۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەھشىي ئېرى بۇلتۇر كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ ، تۈرمىدىن چىققان . سومەييەھنىڭ دېيىشىچە ، تۈرمىدىن چىققان ئېرى ئۇنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博