چاۋشيەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 16-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ سۆھبەتلىشىش تەكلىپى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: <<چاۋشيەن ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى خالايدۇ، بىراق ئامېرىكا يادروسىزلاشتۇرۇشنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىۋالماسلىقى كېرەك>>.
بۇ باياناتچى يەنە مۇنداق دېدى: <<ئامېرىكا ئاكتىپلىق بىلەن سۆھبەتلىشىش تەكلىپى بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى يادروسىزلاشتۇرۇش ئىكەن، بۇ چاۋشيەننىڭ ئەمگەك سىياسىتى ۋە چاۋشيەننىڭ قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، چاۋشيەن ئۆزىگە كالتەك تەڭلەپ تۇرغا ئادەم بىلەن ھەرگىزمۇ بىر ئۈستەلدە ئولتۇرمايدۇ، سۆھبەتلىشىش ئالدى بىلەن تۈپ ھوقۇق ۋە باراۋەرلىكنى ئاساسىي شەرت قىلىشى كېرەك، مانا بۇ چاۋشيەننىڭ ئىنىق مەيدانى>>.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندا مۇنداق دېدى: <<ئامېرىكا چاۋشيەننى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، چاۋشيەننىڭ يادرو كىرىزىسىنى تىنچ ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ>>.
‹‹چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش شەرتى بولماسلىق...
ئامېرىكىنىڭ يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچىرغان تېرورلۇق ھۇجۇ...
ئىران بىلەن پاكىستان چېگرىسىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 45 ئا...
ئامېرىكىنىڭ سابىق زىمىن بىخەتەرلىك ئېدارىسىنىڭ باشلىقى ،پا...
رۇسىيە چاۋشيەن مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى خال...
بوستۇن پارتىلتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ تىزىملىك ئېلان...
جۇڭگو ھۆكۈمىتى مادۇرونىڭ ۋېنزۇئېلاغا زۇڭتۇڭ بولغانلىقىنى ت...