گۈزەل رۇخسارىغا تايىنىپ جاسۇسلۇق قىلغان ئاياللار

0 2013-04-18 12:04:42   خەلىقئارا ئاخبارات لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   دۇنيا جاسۇسلۇق تارىخىدا، ماتا خالى ھىكايىسى مول، ئاجايىپ جاسوسلارنىڭ بىرى. ئۇ سەھرادىكى بىر ئاددىي قىزدىن پارىژدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئۇسسۇلچى قىزغا، ئاندىن ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان قوش يۆنىلىشلىك جاسوسقا ئايلانغان. ئۇ ئۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن، كىشىلەر يەنىلا ئۇنى باھالاشتىن توختىمىغان. ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى تېخى كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن.

   1917-يىلى ماتا خالىي ئىنتايىن چىرايلىق ياسانغان، ئۇ بېشىغا قارا قالپاق ، قولىغا قارا خۇرۇم پەلەي، پۇتىغا چىرايلىق قىزىل ئۇسسۇل ئايىقى كىيگەن. پارىژنىڭ شەھەر سىرتىدىكى بىر جايدا، بۇ 41 ياشقا كىرگەن ئايالغا 11 ئادەمنىڭ تاپانچىسى بەتلەنگەن، ئۇ جازانى ئىجرا قىلغۇچى خادىمنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭ كۆزىنى ئېتىپ قويۇش تەلىپىنى رەت قىلغان. 1932-يىلى ئۇنىڭ نامىدا كىنو ئىشلەنگەن.

   جوسفىن بىك 1906 -يىلى ئامېرىكا سان لۇئىستىكى بىر نامرات نىگىرلار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1925-يىلى 19 ياشقا كىرگەندە، ئۇ فىرانسىيەگە بېرىپ سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان ھەمدە خانىشدەك كۈتۈۋېلىشقا ئېرىشكەن. گەرچە جوسفىننىڭ جەلىپكار ئۇسسۇلى ۋە يېرىم-يالىڭاچ كىيىمى كىشىلەرنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىغىغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن سەنئەتكارلار ۋە بىلىم ئەھلىلىرى ئۇنى ئاقلىغان. چاقنىغان سەھنە ھاياتى ئارقىسىدا ئۇنىڭ يەنە بىر سالاھيىتى بار بولۇپ، ئۇ فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جاسوس ئىدى.

   1937-يىلى جوسفىن فىرانسىيە پۇقراسىغا ئايلىنىدۇ. ياۋروپادىكى ئۇرۇش ئوتى فىرانسىيەگە تۇتاشقاندا، ئۇ فىرانسىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا قەسەم قىلىدۇ، ئەمما جوسفىن 1939-يىلى فىرانسىيە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئۇنى ئىزدەپ كىلىپ، مەخسۇس جاسۇس قىلماقچى بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. 1945-يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ پارىژغا قايتىپ كېلىدۇ، فىرانسيە زۇڭتۇڭى ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن مېدال ۋە ئوردىن تارقىتىپ بېرىدۇ.
  1975-يىلى 4-ئايدا جوسفىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا نەچچە ئون مىڭ ئادەم قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ دۆلەتكە قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ ماتەم مۇراسىمى ئۈچۈن 21 تال ھۆرمەت توپى ئاتىدۇ.

    گۈزەل جاسۇسلارنىڭ ئىچىدە، ئادەمنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى ماگارىتا كونيېكۇۋا ئىسىملىك سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ جاسوسى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كونيېكۇۋا ئامېرىكا ئاتوم بومبىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، پىرىنسىتون ئۇنىسۋېرسىتېتىدىكى بىلىم ئەھلىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغان. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، 60 ياشتىن ئاشقان ئېينىشتىيىنمۇ ئۇنىڭغا كۈيۈپ قالغان.

    كاۋاشىما يوشىكو، يەنە جىن بىخۇي دەپمۇ ئىسمى بار، ئۇ ئاخىرقى دەۋردىكى خان ئوردىسىدىكى مەنچىڭ خانىنىڭ 14-مەلىكىسى ئەيشىنجۆلۈ شىشۇ ئىدى. ئۇ ياپونىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جاسۇس بولۇپ، ئىسىمىنى كاۋاشىما يوشىكو دەپ ئۆزگەرتكەن، ئۇ دائىم ئەرەنچە ياسىنىپ يۈرىدىغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «جىن قوماندان» دەپ ئاتىغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئۇ قولغا ئېلىنىپ، بېيجىڭدىكى بىرىنچى تۈرمىگە قامىلىپ، خائىنلىق جىنايىتى بىلەن خېبي ئۆلكىلىك ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىنغان، 1948-يىلى، 42 يېشىدا بېيجىڭدىكى تۈرمىدە ئېتىۋېتىلگەن.

       ۋۇئون جىڭخۇا، بۇ يىل 34 ياش، چاۋشىيەن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش بۆلۈمىدىن، ئۇ «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغان دەپ قارالغانلىقتىن، كورىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

  يونھاپ ئاگېنتلىقى 2006-يىلى ۋۇئون جىڭخۇانى «چاۋشىيەندىن قېچىپ چىققانلار» تەشكىلاتىنىڭ كادىرى ۋە ھەربىي ئىشپىيونلار بىلەن ئۇچرىشىشپ، سابىق چاۋشىيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ چاڭخۇا قاتارلىقلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى بىلىۋالغان، دېگەن. خۇاڭ چاڭخۇا ئەسلىدە چاۋشىيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ شۇجىىسى ۋە كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرىسال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئىدى، 1997-يىلى بېيجىڭدا، كورىيە ئەلچىخانىسىغا كىلىپ، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن، كېيىن كورىيەگە چىقىپ كەتكەن.

   رۇسىيەلىك ئايال جاسۇس ئاننا چاپمان 1982-يىلى تۇغۇلغان، رۇسىيەلىك، ئۇ موسكىۋا خەلق دوستلۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن، رۇسچە، ئىنگىلىزچە، فىرانسۇسچە ۋە نېمىسچە سۆزلىيەلەيدۇ، 2010-يىلى ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى 10 نەپەر رۇسىيە جاسۇسىنى ئارقا-ئارقىدىن قولغا ئالغان. ئاننا چاپمانمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر