چاۋشىيەن ئامېرىكىنى مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچىسى دەپ كورىيە خەلىقىنى ئامېرىكىغا قارشى جەڭگە قاتنىشىشقا مۇراجەت قىلدى

0 2013-04-03 10:15:56   خەلىقئارا ئاخبارات لىنىيەسى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   چاۋشىيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشىيەن 615 ئورتاق خىتابنامىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش شىمالىي تەرەپ كومتىتى 1-چىسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا يەنە بارلىق بەخىتسىزلىك ۋە ئازاب-ئۇقۇبەتنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.باياناتتا يەنە ئامېرىكىنىڭ چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىدا يادىرو ئۇرۇشىغا قۇتىراتقۇلۇق قىلغانلىقى، مىللەتنىڭ زادىلا سىغىشالمايدىغان دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.

   باياناتتا يەنە ئامېرىكىنىڭ كۆپ قېتىم B-52 تىپلىق ۋە B-52 تىپلىق قاتارلىق يادرو ئىستىراتىگىيەلىك بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلىرىنى چىقىرىپ ئامېرىكا-كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋىرىغا قاتناشتۇرىشىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكا-كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋىرى ئەمەلىيەتتە چاۋشىيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنىڭ مانىۋىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىقان.

  ئاخىرىدا، بۇ باياناتتا ئەگەر ئامېرىكا ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچى كۈچلەر چاۋشىيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىسا كورىيە خەلىقىنىڭمۇ تەسىرگە ئۇچىرايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە كورىيە خەلىقىنى ھەقىقەتكە قايتىپ، ئامېرىكىغا قارشى ھەل قىلغۇچ جەڭگە قاتنىشىشقا مۇراجەت قىلغان.

 شۇ كۈنى، چاۋشىيەن پىڭئەننەنداۋ، زېجىياڭداۋ ھەمدە شىيەنجىڭنەنداۋدىكى ئارمىيە ئەسكەرلىرى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ چاۋشىيەن خەلىق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قۇماندانلىق شىتابى بۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتنى قوللايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ھەمدە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچى كۈچلىرى بىلەن بولغان پۈتۈن مىللەت ھەل قىلغۇچ كۆرىشىگە ئاتلىنىدىغانلىقىغا قەسەم ئىچىشكەن.

 چاۋشىيەن خەلىق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قۇماندانلىق شىتابى بۇندىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ چاۋشىيەنگە قارشى ھەركىتىنىڭ ئاللىقاچان " ئەمەلىي جەڭ باسقۇچى " غا كىرگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئارمىيە ۋە خەلىقنى ئورتاق ھەركەتكە كىلىپ ئامېرىكا ھەمدە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچى كۈچلىرىدىن " ئۆچ ئېلىش مۇقەددەس ئۇرۇشى " غا قاتنىشىشقا چاقىرغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博