كورىيە چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ۋاقتىنى مۆلچەرلەپ چىقتى

0 2013-04-15 10:22:34   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   چاۋشيەن تاشقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئالدىن مەلۇمات قىلغاندەك 4-ئاينىڭ 10-كۈنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇيۇپ بەرمىگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلە پۈتۈن دۇنيانى ئويلاندۇرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان. كورىيە «مەركەز خەۋەرلىرى» نىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، 12-چېسلا بىلەن 13-چېسلا چاۋشيەن رەھبىرى كىم جۇڭئۇن ئۈچۈن بىر قەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان كۈن بولۇپ، چاۋشيەننىڭ بۇ ئىككى كۈندە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى زور ئىكەن.
   چاۋشيەن ئىلگىرى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن. كىم جۇڭئۇن ھاكىمىيەت تۇتقاندىن كېيىن، 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى «كۈمۈش دەريا-3» نى قويۇپ بەرگەن، 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى 3-قېتىملىق يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېرىي 12-چېسلا كورىيىدە زىيارەتتە بولىدىكەن. چاۋشيەن كورىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، بۇ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشنى ئويلاشقان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博