رەسىمدىكى پېرسۇناژ 12 ياشلىق گۇلۇنىڭ ھازىر ئەسلى شوخ تېتىك ئويناپ يۈرىدىغان مەزگىلى ئىدى. ئەپسۇس ئۇ مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ چاقلىق ئورۇندۇقتىن چۈشەلمەيتتى. ئۇنىڭ پەقەت بىر نەچچە بارمىقىلا ھەركەت قىلالايدىغان بولۇپ، ئۇ بەزىدە قولىغا بوياق ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قەغەز يۈزىگە سىزاتتى. بىر قېتملىق سۆھبەتتە، گۇلۇنىڭ ئازۇ-ئارمانلىرى ئەمەلگە ئاشىتى. Matej Peljhan ئىسىملىك فوتوگراف بۇ مېيىپ بالىنى«كىچىك شاھزادە» تېمىسىدىكى بىر گۇرۇپپا سۈرەتكە تارتقان بولۇپ، بۇ سۈرەتلەرگە ھېچقانداق تېخنىكىلىق رەسىم ئوڭشاش دېتاللىرى ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ، بۇ سۈرەتلەرگە پەقەت بىر نەچچە رەڭلىك ئەدىياللار ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىلا ئىشلىتىلگەن، فوتوگراف Matej Peljhan ھەر بىر پارچە سۈرەتتە بۇ مېيىپ بالىنىڭ قەلبىدىكى گۈزەل ئارزۇلىرىنى بىزگە جانلىق ھالدا سۈرەتلەپ بەرگەن ئىدى