جۇڭگو ئاخبارات تورى 18-ئاپرېل تېلېگراممىسى:تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچىر خانىمنىڭ دەپنە مۇراسىمى 17-ئاپرېل لوندۇندىكى سان پاۋلو چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئايال پادىشاھ ئېلزابىت ئىككىنچى قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن. ساچىر خانىمنىڭ قىز نەۋرىسى ئاماندا ئائىلىسىدىكىلىرىگە ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ تالانتىنى ئىپادىلەپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان.
19 ياشلىق ئاماندا بىلەن 24 ياشلىق ئاكىسى مايىك ساچىر خانىمنىڭ ئوغلى ماكنىڭ پەرزەنتلىرى شۇنداقلا ئارزۇلۇق ئىككى نەۋرىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇن سېرىق چاچ قويۇۋالغان، چىرايلىق ۋە كېلىشكەن ئاماندا بىلەن ئاكىسى مايىك ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، كېيىن دادىسى ماك ۋە ئانىسى دىئانناغا ئەگىشىپ جەنۇبىي ئافرىقدا كۆچمەن بولۇپ چوڭ بولغان، كېيىن ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلار ئانىسىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا تېكساس شىتاتىغا كۆچۈپ كەلگەن، ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ.
ئاماندا يارىشىملىق قارا رەڭلىك ئۇزن پەلتۇ كەيگەن بولۇپ، بوينىغا قىممەتلىك زەنجىر ئېسىۋالغان ۋە قارا رەڭلىك باش كىيىم كىيىۋالغان، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاكالەتەن سۆز قىلغان، گەرچە نەق مەيداندا ئېلزابىت ئىككىنچى ئايال پادىشاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2000 دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان بولسىمۇ ۋە ئۇنىڭ سۆزى نەق مەيداندا تېلېۋېزۇردىن مىليونلىغان ئاممىغا تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزى ئۇرغۇلۇق ھەم ئېنىق بولۇپ، ناتىقلاردەك سۆزلەپ نەق مەيداندىكى بارلىق كىشلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان.
ساچىر خانىم ئىلگىرى 90-يىللىرى مۇخبىرلارغا كېلىنى ئەۋەتكەن نەۋرە ئوغلى بىلەن نەۋرە قىزىنىڭ سۈرىتىنى تاپشۇرۋالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن بەكمۇ خوشال بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. دەپنە مۇراسىمىدا ئاماندا بىلەن مايىك ساچىر خانىم بىلەن چۈشكەن سۈرىتى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇپ قويۇلغان ئىدى.
ساچىر خانىمنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا 19 ياشلىق قىز نەۋرىسى ھەممىن...
مېكىسىكىدا ‹‹مومايلار خانىشى››نى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈز...
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خاس ئەلچىسى ئەركىن ئىمىرباقى ۋېنېسۇئېلا...
<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>دىكى مۇخبىر قىز <چاسا يول> قۇرۇلۇشىدا ...
كورىيەدە ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى ئۈچ ق...