ئابباس ئىسرائىلىيە بىلەن پات ئارىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى

0 2013-07-22 12:06:19   ئاخبارات تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   شىنخۇا ئاگېنتىلىقى غەززە 19- ئىيول تېلگراممىسى . ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىۋى كېررى بىلەن پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 19- ئىيول كەچ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى شەھەر رامئاللاھتا مۇنداق بىلدۈردى :' ئەگەر ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا ، ئىككى تەرەپ كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ .

   پەلەستىن ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ، پەلەستىن زۇڭتۇڭ باياناتچىسى نەبرى شۇ كۈنى بىر تۈرلۈك بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىدى :" كېررى ئابباس بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت تەرەققىياتقا ئېرىشتى ، ئىككى تەرەپ پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈردىغان بولدى . ئۇ يەنە مۇنداق دىدى " مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار كىلىشىپ ھەل قىلىشقا مۇھتاج . ئەگەر ھەممە ئىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا ، كېررى ئايرىم - ئايرىم پەلەستىن سۆھبەت ۋەكىلى Erekat بىلەن ئىسرائىلىيە سۆھبەت ۋەكىلىنى ئامېرىكا ۋاشىنگىتونغا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ ، ھەمدە كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ .

   كېررى 19- ئىيول چۈشتىن كېيىن ئىئوردانىيە ھەربىي ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ رام ئاللاھتا پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . كېررى 16- ئىيول ئىئوردانىيە پايتەختى ئاممانغا بېرىپ ، ئىئوردانىيە قىلىدىغان نەچچەكۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان . بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مەقسىتى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت . بۇ كېررىنىڭ 2- ئاينىڭ 1- كۈنى دۆلەت باش كاتىۋى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيانقى ئوتتۇرا شەرق رايۇنىغا قىلغان 6- قېتىملىق زىيارىتى ھىسابلىنىدۇ .

    

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博