ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 3-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى

0 2013-07-18 11:53:26   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   16-ئىيۇل ، ئۈرۈمچى شەھىرى 3-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى قىزىلتاغ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئۈرۈمچى–سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى .

    ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرى 2005-يىلىدىن باشلاپ ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويغان بولۇپ ، 33 تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەنتەربىيە تۈرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭچە شاھمات ، ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش قاتارلىق تۈرلەر تەسىس قىلىنغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博