سىز ئۇرۇقلىغانلارغا مۇكاپات بېرىش پائالىيىتىنى ئاڭلاپ باققانمۇ ، مەنچە ئاڭلاپ باققان ، لېكىن بىر كىلوگىرام ئۇرۇقلىسا بىر گىرام ئالتۇن سوۋغا قىلىشتەك ياخشى ئىشنى تېخى تۇنجى قېتىم ئاڭلىدىڭىزغۇ دەيمەن !
ئامېرىكا پۈتۈن مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتى MSNBC نىڭ 19- ئىيولدىكى خەۋىرىدە ، ئاھالىلەرنىڭ ئۇرۇقلىتىش ئۈچۈن ، ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن ، ئەرەب بىرلەشمىسى خەلپىلىكى دۇبەيدا 16- ئىيول " ئۇرۇقلىغانلارغا ئالتۇن مۇكاپات بېرىش " مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى . بۇ مۇسابىقە بىر ئاي داۋام قىلىدۇ .
ئۇرۇقلىغانلارغا ئالتۇن سوۋغا قىلىش پائالىيتىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇن مۇنداق دىدى :" پەقەت بىر ئاي ئىچىدە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ، ئۇرۇقلىسا بىر كىلوگىرام ئۇرۇقلىغانلارغا بىر گىرام ئالتۇن سوۋغا قىلىنىدۇ . ھازىر ئالتۇننىڭ بازار باھاسى ھەر گىرام ئالتۇننىڭ 41 ئامېرىكا دوللىرى . مۇسابىقىدە چەكلىمىلىك يوق بولۇپ ،بىراق قاتناشقۇچىلار چوقۇم ئاز دىگەن 2 كىلو ئۇرۇقلىشى كېرەك ، شۇنداق بولغاندا ئاندىن مۇكاپاتقا ئېرىشىش سالايھىتىگە ئىگە بۇلالايدۇ .
بۇ قېتىمقى پائالىيەت دېڭىز قىرغىقى باي دۆلىتى بولغان دۇبەينىڭ پۇقرالىرىنى ساغلاملىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى بولۇپ قالدى . بىر ئايال مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى :" بۇ بىر ياخشى چارە ، بۇ چارە ئارقىلىق بودەكلەرنى ئۇرۇقلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . چۈنكى ئالتۇن دىگەن يەنىلا ئالتۇندە ، ھەممىمىز ئامراق نەرسە ، شۇڭا ئالتۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن بودەكلەر بىر ۋاق تاماقتىن ۋاز كىچەلەيدۇ دەپ قارايمەن " .