خەلقئارا خەۋەرلەر ۋە ئاۋىستىرالىيە خەۋەر تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،يەمەندىكى 11ياشلىق قىزچاق نادا.خادارسى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى تويغا مەجبۇرلىشى سەۋەبىدىن ئۆيىدىن قېچىپ كەتكەن بۇلۇپ ،ئۇ YouTubeدا <مەن مال ئەمەس >دەپ ئېلان قىلغان بۇ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك مۇنازىرىسىنى قوزغىغان.
بۇ قىزنىڭ ئىسمى Nada Al-Ahdals بۇلۇپ، ئۇ7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلغان سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە ،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى پۇل ئۈچۈن ئۇنى بىر ياشانغان ئادەم بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىغان . ئۇ قېچىپ تاغىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالغان .Nada Al-Ahdals <مەن ئۆزۈمنىڭ ئەركىنلىكىمنى يۇقاتتىم ،مائارىپتىن بەھرىمان بۇلۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولدۇم ،ئەجىبا ئۇلاردا ھىسداشلىق ھىسياتى يوقمۇ؟
ئۆلگەن بولسام ياخشى بولاتتى ،مېنىڭ ئۆلگۈم بار >دىگەن .Nada Al-Ahdals يەمەن ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئارزۇ -ئارمانى بارلىقىنى ،ھازىر توي قىلغۇسى يوقلىقىنى ،مەكتەپتە ئوقۇغۇسى بارلىقىنى دىگەن ،ئۇلارنىڭ ئۆيىدە 8بالا بۇلۇپ ،ئۇ ئاپىسىنىڭ پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى توي قىلىشىقا مەجبۇرلىغانلىقىدىن ئاغرىنغان .<مەن ساتىدىغان مال ئەمەس ،مەن ئادەم ،مەن ئۆلۈشكە رازىكى ،ھازىرقى بۇ يېشىمدا توي قىلىشنى خالىمايمەن >دىگەن .
Nada Al-Ahdals ئۆزىگە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغان قىزلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۆلىۋالىدىغانلىقىنى دىگەن بۇلۇپ <نۇرغۇن قىزلار دېڭىزغا سەكرەيدۇ ،ئۇلار بىزنىڭ ئارزۇلىرىمىزنى يوققا چىقاردى ،بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆلتۈرۋەتتى .ئۇلار جىنايەتچى >دىگەن .
ئەنگىلىيىدە يۇقۇرى تېمپۇراتىرا سەۋەبىدىن 760ئادەم قازا قىلد...
ئىسرائىلىيە 80 نەپەر پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قۇيۇپ بېرىدىغان ب...
فىلىپپىن زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى نەچچە مىڭ كىشىلى...
ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋېليامنىڭ خانىمى كەيت بىر ئوغۇل بوۋاق ي...
جاڭ چۈنشيەن «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت»نى كۆرگەندىن كېيىن ھەنىپە...
دۇبەيدە بىر كىلوگىرام ئۇرۇقلىغانلارغا بىر گىرام ئالتۇن مۇك...
تالىبان رەھبىرىنىڭ پاكسىتانلىق قىز مالالاغا ئەۋەتكەن خېتى ...