چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسنىڭ رەھبىرى سابىق زۇڭتۇڭ مورسى 3- ئىيول ھەربىي تەرەپتىن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن قاماپ قويۇلغان. مۇرسىنىڭ ئوغلى ئوسامانىڭ 22- ئىيول مۇنداق دىدى :" ھازىرغىچە دادامنىڭ ئىز-دېرىكى ئېنىق ئەمەس ھەمدە دادامنى قاماپ قويىلىشىنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلمەيمەن " . ئوساما رۇسىيەنىڭ بىر تېلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈپ: «مەن ھازىرغىچە زۇڭتۇڭ دادامنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمەن. بىز ئۇنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى، نېمە ئۈچۈن قامالغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز. مىسىر ھەربىي تەرەپ باياناتچىسى پولكوۋنىك ئەھمەد.ئەلى ئۇلارنىڭ زۇڭتۇڭنى قاماپ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ خىل بايانات سەمىممىي ئېلان قىلىنغان ئەمەس ، چۈنكى زۇڭتۇڭنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن دىيىش يالغان .
ئوساما يەنە مىسىرنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە باھا بەرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2011-يىلى باھاردا باشلانغان مىسىر ئىنقىلابى " پارتىلىغاندىن تارتىپ تېنىچ ئىنقىلاپ قىلىشنى ساقلاپ كەلگەن"، ئەمما يېقىندا يۈز بەرگەن ھاكىمىيەت ئالمىشىشقا قارىتا ئۇ مۇبارەك ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ئەيىبلىگەن. ئوسامانىڭ قارىشىچە، " پەقەت مىسىر خەلقىلا كىمنىڭ دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولىشىنى بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق، ھەمدە چوقۇم سايلام ئېلىپ بېرىپ بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك "
مىسىر ھەربىي تەرەپ 7-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇرسىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىپ، ئاساسى قانۇننى توختاتقان ھەمدە ئاساسى قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مەنسۇر ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭلۇقنى ئۈستىگە ئالغان. مىسىر يېڭى ھۆكۈمىتى مۇرسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان، پەقەت بىر بىخەتەر جايدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى مۇرسىنى قويۇپ بېرىپ، تېزدىن دېموكىراتىك سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
تۈركىيە ئارمىيىسى سۇرىيەدىن كىلىدىغان توپ ئوقىغا تەييارلىق...
ئەنگىلىيە خان جەمەتىدىكى <4ئەۋلادنىڭ بىللە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇر...
ئەنگىلىيىدە يۇقۇرى تېمپۇراتىرا سەۋەبىدىن 760ئادەم قازا قىلد...
ئىسرائىلىيە 80 نەپەر پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قۇيۇپ بېرىدىغان ب...
فىلىپپىن زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى نەچچە مىڭ كىشىلى...