ئىراقتا 14نەپەر شىئە مەزھىپى مۇسۇلمانلىرى تېرورچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

0 2013-07-26 11:35:09   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

يەر شارى تورىنىڭ ئۈنۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا ،بىر تۈركۈم قوراللىق ئۇنسۇرلار 24-چىسلا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاساسلىق يولدا 14نەپەر شىئە مۇسۇلمانلىرى ئۆلتۈرۈلگەن .

ئىگىلىنىشىچە ،بۇ ۋەقە ئىراق پايتەختى باغداتنىڭ شىمالىدىكى سۇلايمانبەگ بازىرىدا يۈز بەرگەن ،بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئىراقتىكى سۈنئىي مەزھەپ مۇسۇلمانلىرى سۈرىيىدىكى ئىچى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىدىن شىئە مۇسۇلمانلىرىغا قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان .

سۇلايمان بەگ بازىرىنىڭ باشلىقىنىڭ دىيىشىچە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى شىئە مۇسۇلمانلىرىدىن بولغان ماي باكى شوپۇرلىرى بۇلۇپ قوراللىق ئۇنسۇرلار سۇلايمانبەگ بازىرىنىڭ ئاساسلىق يولىنى قامال قىلىۋالغاندىن كېيىن بارلىق شىئە مۇسۇلمانلىرىنى ئۆلتۈرۋەتكەن .

7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىراقتىكى ئىككى تۈرمە تېرورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بۇلۇپ 500دىن ئارتۇق جىنايەتچى تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن .7-ئاي كىرگەندىن بۇيان تېرورچىلار كەلتۈرۈپ پارتىلىتىشتا 720دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博