ئاۋىستىرالىيىدە %10 تىن كۆپرەك ياش ئۆلۈۋېلىشنى ئويلايدىكەن

0 2013-07-25 12:59:17   جۇڭگو ئاخبارات تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

       ئاۋىستىرالىيە خەۋەر تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئاۋىستىرالىيىدىكى بۇ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،ئاۋىستىرالىيىدىكى يېرىمدىن كۆپرەك ياشلارنىڭ بېسىمنىڭ بەك ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن ئۆلۈۋېلىشنى ئويلايدىكەن . يەنى ئاۋىستىرالىيىدىكى %10تىن كۆپرەك ياش ئۆلۈۋېلىشنى ئويلايدىكەن .بۇ پىسىخىلوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دىققىنى تارتقان .

ئىگىلىنىشىچە ،بۇ تەكشۈرۈش لاھىيىسى ئاۋىستىرالىيە كىشىلىرىنىڭ سالامەتلىك ۋە بەخىت قارىشىغا تەسىر يەتكۈزگەن .تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ،ئاۋىستىرالىيىدىكى 16ياشتىن 25ياشقىچە بولغان ياشلار توردا ئۆزلىرىدىكى بېسىمنى چىقىرىپ تاشلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن .مەسىلەن ،مۇزىكا ئاڭلاش ،ئۇيۇن ئويناش قاتارلىقلار بىلەن ئۆز پىسخىكىسىنى تەڭشىيەلەيدىكەن .  

دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ،نۆۋەتتىكى روھىي ساغلاملىق سېستىمىسى ياشلارغا نىسپەتەن ئادىل ئەمەس بۇلۇپ ،تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ،روھىي ساغلاملىق سېستىمىسىنى ياخشىلاش ئۆلۈۋېلىش نىسپىتىنى ئازايتىدىكەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博