دۇبەيدىكى باسقۇنچلىققا ئۇچراپ جازا ھۈكۈم قىلىنغان نورۋىگىيىلىك قىز قۇيۇپ بېرىلدى

0 2013-07-26 12:11:19   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 جۇڭگو ئاخبارات تورى 22- ئىيول تېلگراممىسى . چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە دۇبەيدە باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ جازا ھۈكۈمىگە ھۈكۈم قىلىنغان نورۋىيىلىك قىز 22- ئىيول جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىپ دۆلىتىگە قايتىشى رۇخسەت قىلىندى .

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋىرىدە ، 24 ياشلىق نورۋىيىلىك قىز بىزەكچىلىك لايىھىلىگۈچى Marte Deborah Dalelv كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دىدى :" مەن پاسپورتىمنى قولامغا ئالدىم ، دۆلىتىمگە قايتسام بولىدىغان بولدى " دىدى . ئۇ يەنە تېزلىك بىلەن دۇبەيدىن ئايرىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

Marte Deborah Dalelv مۇنداق دىدى :" مەن بەك خوشال ، بۇ بىر ئىنتايىن گۈزەل خاتىمە بولدى ، ئىنتايىن خوشال بولدۇم " .

نورۋىگىيە پايتەختى ئوسلودا ، نورۋىگىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەدې ئىسپاتلاپ مۇنداق دىدى " Marte Deborah Dalelv نىڭ ئەرەب بىرلەشمىسى خەلپىلىكىنى شەھىرى دۇبەيدىن ئايرىلىشى رۇخسەت قىلىندى "

نورۋىگىيە دىپلوماتىيە مىنىسىتىر ئەدې Twitterدا مۇنداق يازدى :" Marte Deborah Dalelv قۇيۇپ بېرىلدى ، ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنغان ھەر بىر ئادەمگە رەھمەت ! " ئۇ يەنە مۇنداق دىدى " Marte Deborah Dalelv پات ئارىدا نورۋىگىيەگە قايتىپ كېلىدۇ " '

نورۋىگىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ئايال باياناتچىسى مۇنداق دىدى :" Marte Deborah Dalelv دۇبەينىڭ ھۈكۈمرانى دۇبەي خەلىپىسى مۇھەممەد . بىن . راشىد . ئال مەكتوم ( Mohammed Bin Rashid Al Maktoum ) نىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشىتى . ھەرگىز قوغلاپ چىقىرىلمىدى " .

بۇ باياناتچى يەنە مۇنداق دىدى :" ئەگەر Marte Deborah Dalelv خالىسا يەنە دۇبەيدە تۇرسا بولىدۇ ، پاسپورتى قايتۇرۇپ بېرىلدى .

بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن Marte Deborah Dalelv بۇ يىل 3- ئايدا دۇبەيگە كاماندىروپكىغا بارغان ۋاقىتتا خىزمەتداشلىرى بىلەن كەچتە سىرتقا يۈرگەندە باسقۇنچلىققا ئۇچرىغان . سوت 17- ئىيول Marte Deborah Dalelv نى 16 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇش جازاىسغا ھۈكۈم قىلىپ ، ئۇنى توي قىلماي تۇرۇپ بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولغان ، ھاراق ئىچكەن دەپ ئەيىبلەنگەن . Marte Deborah Dalelv نىڭ ئاشكارلىشىچە ، بىر ئەر خىزمەتدىشى ئۇنى يىتىلەپ مىھمانساراي ياتىقىغا ئېلىپ كىرگەن ھەمدە ئىككىسى بىللە ھاراق ئىچكەن ، ئاندىن ئەر خىزمەتدىشى ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان .

خەۋەر ئەسلىمىسى :

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى : 24 ياشقا كىرگەن نورۋىگىيىلىك قىز ئەرەب بىرلەشمىسى خەلپىلىكى دۇبەيگە كاماندىروپكىغا كەلگەندە باشقىلار تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ، يەرلىك ساقچى تەرەپ دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ، قىزنىڭ ئەرزىگە قۇبۇل قىلىش تۈگۈل ، قىزنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلغان . يەنە تېخى نىكاھلانماي تۇرۇپ يات بىر ئەر بىلەن غەيرى مۇناسىۋەتتە بولغان دەپ 16 ئايلىق رىجىمگە ئېلىش جازاسى ھۈكۈم قىلغان .

بۇ قىز 3- ئايدا دىلو مەلۇم قىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە تۈرمىنىڭ كىچىك ئۆيىدە سۇلاقلىق تۇرماقتا . كېيىن قىز تۇققانلىرىنىڭ ياردىمىدە نورۋىگىيىنىڭ دۇبەيدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ ، قۇيۇپ بېرىلگەن .

مۇشۇ ھەپتە ، ھۈكۈم ئېلان قىلىنىپ ، قىز بىر يىل تۆت ئايلىق قاماقتا يېتىش جازاسى بېرىلدى . بۇ جەھەتتە نورۋىگىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمىسى خەلپىلىكى كىلىشىم ئىمزا قىلمىغاچقا ، قىز ئامالسىز دۇبەيدە ھۈكۈمنى ئىجرا قىلىپ قاماقتا ياتىدىغان بولدى .

بۇ قىز نورۋىگىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى :" ئۇلار ماڭا قانۇنسىز نىكاھلانماي تۇرۇپ ئەرلەر بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولغان ھەمدە ھاراق ئىچكەن دەپ ئېغىر جازا ھۈكۈم قىلماقچى بولدى ، يەنە تېخى مېنى يالغاندىن ئىسپات تەييارلىدى دەپ ئەيىبلىدى " .

ئىلگىرى قىزنى قالدۇرۇپ قالغان نورۋىگىيە " The sailor " چىركاۋىنىڭ پوپى مېرگىن مۇنداق دىدى :" ئۇ قىز ھازىر ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى ، بىر بۇ ئىشقا قارىتا ئىنتايىن ھەيران قالدۇق ، ھەمدە قىز ئۈچۈن ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلمىز . بىراق ئەرەب بىرلەشمىسى خەلپىلىكىنىڭ قانۇنى بولسا ئىسلام قانۇنى ، شۇڭا قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش بۇ دۆلەتنىڭ پىرىنپىسى ، شۇڭا بىزمۇ "ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە " دىگەندە بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە مېڭىشىمىز كېرەك " .

بۇ قىزنىڭ ئەرەب بىرلەشمىسى خەلپىلىكىدىكى بۇ خىل ھۈكۈمگە ئېلان قىلىنىشى تۇنجى قېتىملىق مىسال ئەمەس ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاۋىستىرالىيەلىك 27 ياشلىق ئالىسى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن دىلو مەلۇم قىلغان . بىراق دۇبەي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز نىكاھلانمىغان ئەر بىلەن بىرگە بولغان دەپ ھۈكۈم قىلىنىپ 8 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان .

ئەرەب بىرلەشمىسى قانۇنى ئىسلام قانۇنى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ . باسقۇنچلىق جىنايىتىگە نىسبەتەن جىنايەت گۇماندارى گۇناھىنى ئىقرار قىلسا ، يېكى تۆتتىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئەر باسقۇنچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىگە ئىسپات بولۇشى كېرەك ، بولمىسا ، باسقۇنچىلىق ۋەقەسى دەپ بېكىتلىمەيدۇ .


ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博