مورسى 24سائەت نازارەت قىلىنىۋاتىدۇ

0 2013-07-29 11:07:24   خەلىقئارا ئاخبارات لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

يەر شارى تورىنىڭ ئۈنۋېرسال خەۋىرى ۋە< روسىيە ئاۋازى >تورىنىڭ7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،مىسىر ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 28-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە ،مىسىرنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان زۇڭتۇڭى مورسى نۆۋەتتە قاھىرەنىڭ سۇيشى يولىدىكى ھەربىي داچىدا تۇرۇۋاتقان بۇلۇپ تېخى تۈرمىگە يۆتكەلمىگەن .

مىسىر <دۆلەت گېزىتى>نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ داچىغا كۈزىتىش ئۈسكىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ مورسىنى 24 سائەت كۈزىتىپ تۇرىدىكەن . چۈنكى ھەربىي تەرەپ ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن .

ئىگىلىنىشىچە ،مورسى بۇ داچىدا ئەركىن بۇلۇپ .ئەمما تېلىفۇندا پاراڭلىشىشىغا يول قۇيۇلمايدىكەن ،ھەم ئۇنى ئىزدەيدىغان ھەرقانداق تېلفۇنمۇ رەت قىلىنىدىكەن ھەم بۇ داچانىڭ دېرىزىلىرىگە پۈتۈنلەي پەردە تارتىلغان بۇلۇپ مورسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博