30 يىلدا 700 دىن ئارتۇق غەلىتە ئاپتوموبىل ياسىغان ھىندىستانلىق ئەر

0 2013-07-29 11:17:49   يەرشارى تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئەنگلىيە " كۈندىلىك پوچتا گېزىتى " نىڭ 25- ئىيولدىكى خەۋىرى . ھىندىستاننىڭ جەنوبىدىكى ھەيدەرئاباد شەھىرىدە Sudhakar Yadav ئىسىملىك بىر ئەر 14 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ تۇرمۇش بۇيۇمىلىرىغا تەقلىد قىلىنغان ئاپتوموبىل مودىلى ياساشقا باشلىغان . ھازىرىغىچە ئۇ ئۆتكەن 30 يىل جەريانىدا ، 700 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ياساپ چىققان . ئۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە بىر ئاپتوموبىل موزىيخانىسى قۇرغان .

ئۇنىڭ ياسىغان ئاپتوموبىللىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بۇيۇملار بولۇپ سېتكا توپ ، پۇتبول ، كالتەپ توپ تايىقى ، بېليارد ئۈستىلى يەنە يىمەكلىكلەردىن پىدىگەن ۋە ساندىۋىچ ، ئائىلە ئىلكتىر سايمانلىرىدىن كومپىيۇتىر ، قەھۋا ئىستاكانى ، تەرەت قاچىسى ، تاماق ئۈستىلى ۋە كارۋات شەكىللىرىدە ئاپتوموبىل ياسىغان . ئۇ يەنە تاماكا شەكىلدە بىر ئاپتوموبىل ياسىغان . ئۇنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا ئىشلىتىلگەن ماتىريال ياغاچتىن ياسالغان بولۇپ ، نۇرغۇن ئادەم قىزىقىپ ، ئۇنىڭغا ئاپتوموبىل زاكاس قىلغان . ئۇ ئاپتوموبىلىنى يولغا ھەيدەپ ماڭغاندا باشقىلار ھەيرانلىقتا قاراپ قالغان .

ئۇدا 30 يىلدا ئاپتوموبىل ياسىغان سۇدى 700 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ياسىغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ " سۇدى ئاپتوموبىل موزىيخانىسى " نى قۇرغان . ھەر كۈنى تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق ئادەم بۇ موزىخانىغا كىلىپ زىيارەت قىلغان .

    

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博