ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مېھمان پاراسەت 24 - ئاپرېل تېھراندا: غەربنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھەر قانداق يېڭى جازاسى كېلەر ئايدا باغدادتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىدىكى «كەيپىيات»قا تەسىر يەتكۈزىدۇ، دېدى.
مېھمان پاراسەت شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يېڭى جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: ئىران ئالاقىدار تەرەپلەر باغداد يادرو سۆھبىتىگە پائال تەييارلىق قىلىۋاتقان پەيتتە، غەربنىڭ ئىرانغا قوللانغان ھەر قانداق جازا تەدبىرلىرىنى «خاتا»، جازانى يېنىكلىتىش مەقسەت قىلىنغان ھەرقانداق تەدبىرنى «ئىجابىي» دەپ قارايدۇ.
مېھمان پاراسەت غەربنىڭ جازاسى ئىران خەلقىنىڭ ئۆز نىشانىغا يېتىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 23 - ئاپرېل ئىمزالىغان پەرمانغا ئاساسەن، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسىمى، ئىران ئاخبارات ۋە خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، ئىران قانۇن ئىجرا قىلىش قىسىمى ھەم ئىراننىڭ داتاك تېلېگراف شىركىتى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مال - مۈلكىنى توڭلىتىدىكەن ھەم مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن.