ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان نامرات ناھىيە ئوقۇغۇچىلىرى ئېتىبار مۇئامىلىگە ئېرىشىدۇ

0 2012-04-26 11:42:27   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

ئارزۇنى ئايرىم توشقۇزۇش، ئايرىم تۈركۈم تەسىس قىلىش، ئايرىم نومۇر سىزىقى بويىچە قوبۇل قىلىش يولغا قويۇلىدۇ.

يېزا ئىگىلىكىگە ماس كېلىدىغان، چېتىلىدىغان كەسىپلەر ئاساس قىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ

يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق 5 ئورۇن بىرلىشىپ، 2012-يىلىدىن باشلاپ نامرات رايونلارغا قارىتىلغان نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا مۇۋاپىق ساندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى كىرگۈزۈپ، تۇتاش كەتكەن، قىيىنچىلىقى ئېغىر نامرات رايونلاردىكى مەكتەپلەرنى نىشان كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلاردىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەم بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كەلگەن يېرىگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

12-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، «دۆلەتنىڭ نامرات ناھىيەلەردىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانى»غا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن 21 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىكى 680 نامرات ناھىيەدىن ھەر يىلى تەخمىنەن 10 مىڭ ئوقۇغۇچى ئايرىم ئارزۇ توشقۇزۇش، ئايرىم تۈركۈم تەسىس قىلىش، نومۇر سىزىقىنى ئايرىم بەلگىلەش يولى بىلەن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博