قىزىل رەقەم ئېغىرلاشقان ئۆزبىكىستان مۇئاش ئورنىغا چۈجە تارقاتتى

0 2012-04-25 12:45:48   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   چەتئەل ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالىيىدە ئېغىر دەرىجىدە قىزىل رەقەم كۆرۈلگەنلىكتىن ئۆزبىكىستاننىڭ كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى مۇئاشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بىر توپ سېربىيە چۈجىلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى.
   ئۆزبىكىستاندا ھۆكۈمەت تەرەپ خام چوتنى قىسقارتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مۇئاشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە چۈجە تارقىتىپ بەردى. يەرلىك ئەمەلدارلار ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتە 20 مىڭ چۈجە تارقاتقانلىقىنى شۇنداقلا ھۆكۈمەت نەپىقىسىنىڭ ئورنىغا موزاي تارقىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博