ۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كېرىموۋ بۇ يىلنىڭ دەسلىپىدە بۇيرۇق ئىمزالاپ، دۆلەتنىڭ 2011 - يىللىق مەبلەغ سېلىنما پىلانىنى بېكىتتى. مەزكۇر پىلانغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئۆزبېكىستان 3 مىليارد 13مىليون ئامېرىكا دوللىرى تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 113 مەبلەغ سېلىش تۈرىگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت كېپىل بولغان چەت ئەل قەرز پۇلى ئومۇمىي سوممىسى 801 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 42 تۈرگە چېتىلىدۇ. بۇندىن باشقا، يەنە چەت ئەللىك سودىگەرلەر بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ 2 مىليارد 212 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 71 تۈرگە چېتىلىدۇ.
ئەڭ چوڭ سوممىلىق چەت ئەل مەبلىغى 1 مىليارد 925 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، يېقىلغۇ - ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى 30 تۈرگە سېلىنىدۇ. جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھ شىركىتى 482 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغنى ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 980 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان ‹ئوتتۇرا ئاسىيا - جۇڭگو› تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى بۆلىكىنى ياتقۇزۇش ۋە رېمونت قىلىشقا سالىدۇ؛ رۇسىيەنىڭ رۇك نېفىت شىركىتى827 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغنى ئۆزبېكىستاندا يۈرگۈزۈلىدىغان ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان 2 تۈرلۈك مەھسۇلات تەقسىملەش كېلىشىمىگە سالىدۇ؛ مالايسىيا دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى 80 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغنى سۇرخان دەرياسى نېفىت - تەبىئىي گازلىقىنى چارلاپ تەكشۈرۈش تۈرىگە سالىدۇ، بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 70 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ؛ كورېيەنىڭ كوگاز شىركىتى 444 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغنى ئۆزبېكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي رايونىدا قۇرۇلىۋاتقان، ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان تەبىئىي گاز خىمىيە سانائەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تۈرىگە سالىدۇ.
2011 - يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى 117 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بىۋاسىتە مەبلەغنى جەلپ قىلىشنى پىلانلىدى، بۇ مەبلەغ 11 تۈرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 541 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ؛ خەۋەرلىشىش ساھەسىدە كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەتچىلىرى 68 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغنى جەلپ قىلىشنى پىلانلىماقتا؛ قاتناش ساھەسىدە 162 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش پىلانلانماقتا؛ ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان چەت ئەل بانكىسىنىڭ قەرز پۇلىنى جەلپ قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىدە ياسالغان ئايروپىلاننى سېتىۋېلىشنى پىلانلىماقتا؛ ئىجتىمائىي ساھەدە 127مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغنى جەلپ قىلىپ، مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى قاتارلىق ئىجتىمائىي تۈرلەرنى داۋاملىق تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىشلىتىش پىلانلانماقتا.
ھەمبەھىرلىنىڭ