ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام كېرىموۋ 2008 - يىللىق ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلاش ھەم 2009 - يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئالدىن يۆلىنىشنى بەلگىلەش يىغىنىدا، ئۆزبېكىستان تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندا مەبلەغ سېلىپ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، لېكىن پەقەت ئاشكارا ۋە ئېنىق بولغان خەلقئارالىق مۇستەقىل ئىقتىساد تېخنىكىسى ۋە ئېكولوگىيە توختىمىنى تۈزگەندىن كېيىنلا ئاندىن مەبلەغ سالىدۇ، دېدى.
ئۆزبېكىستانغا قوشنا بولغان بۇ ئىككى دۆلەت ئام دەرياسى، سىر دەرياسى ۋە زەرەفشان دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىغا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا، مەسىلەن: قىرغىزستان كامبالات سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنى قۇرۇشنى، تاجىكىستان روگۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا.
زۇڭتۇڭ ئىسلام كېرىموۋ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: تۆۋەن ئېقىندىكى دۆلەتلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتماسلىق ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا، ئۆزبېكىستان قوشنا دۆلەتلەردە مەبلەغ سېلىپ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى. بۇندىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ ئىسلام كېرىموۋ قىرغىزستان بىلەن تاجىكىستاندا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشقا كۆپ قېتىم قارشى تۇرغانىدى.
2009 - يىلى 1 - ئاينىڭ ئاخىرى روسىيە زۇڭتۇڭى دېمىترى مېدۋېدېۋ تاشكەنتنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە زۇڭتۇڭ ئىسلام كېرىموۋنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 2009 - يىلى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى قىرغىزستان بىلەن روسىيە كامبالات 1 - نومۇرلۇق سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنى بىرلىكتە قۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، موسكۋا تەرەپ 1 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەردى.
قىرغىزستاننىڭ «پۈتۈن كۈنلۈك» خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن تەرجىمە قىلىندى