ئۆزبېكىستاننىڭGDP سى داۋاملىق ئاشىدۇ

75 2011-07-04 17:27:52   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى2010- يىلى 10 - ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان »دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا نەزەر« دوكلاتىدا، 2010- يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ GDP سىنىڭ %8 ئاشىدىغانلىقى، 2011 - يىلى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %7 كە چۈشۈپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەنىدى. IMF نىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ 2010 - ۋە 2011 - يىلىدىكى باشقا ماكرولۇق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرگە قارىتا مۆلچەرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە: پۇل پاخاللىقى %10.6 ۋە %11.4، دائىملىق ئىسچوت ئېشىندىسىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %3.8 ۋە %6.3، ئىشسىزلىق نىسبىتى %2 ئەتراپىدا كونترول قىلىنىدىغان بولۇپ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن.
      IMF بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ 2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئۆزبېكىستاننىڭ 2010 - ۋە 2011 - يىللىق ماكرولۇق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ ياخشى. ياۋروپا بانكىسى 2011 - يىلى GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى %9 ئاشۇرۇشنى، دائىملىق ئىسچوت ئېشىندىسىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %14 كە يەتكۈزۈشنى، پۇل پاخاللىقىنى %9.5 كە يەتكۈزۈشنى مۆلچەرلىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博