دۇنيا بانكىسى ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايدۇ

5 2009-06-15 12:59:42   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام كېرىموۋ 2009 - يىلى 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى دۇنيا بانكىسىنىڭ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى شىگەيئو كاتسۇ بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش جەريانىدا ئىككى تەرەپ بۇندىن كېيىنكى ھەمكارلىق ئىشلىرى، ئىلگىرى ھەمكارلاشقان تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، يېڭى ھەمكارلىق تۈرلىرى ۋە باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.
      زۇڭتۇڭ ئىسلام كېرىموۋ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا بانكىسىنى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى ئاساسلىق خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دۇنيا بانكىسى بىلەن پائال ھەمكارلىشىشنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
      ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى 1992 - يىلى 9 - ئايدا دۇنيا بانكىسىغا ئەزا بولغانىدى. ھازىر، بۇ دۆلەت خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتىدىكى شۋېيتسارىيە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى. دۇنيا بانكىسى 1992 - يىلى 9 - ئايدا تاشكەنتتە ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش ئورنىنى قۇرغانىدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھەمكارلىشىش جەريانىدا، دۇنيا بانكىسى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسلاھات ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان، شۇنداقلا ئاھالىلار تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە خېلى زور دەرىجىدە ياردەم بەردى.
      ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن دۇنيا بانكىسى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەر بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن بۇ ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان 2006 ~ 2009 - يىللىق ھەمكارلىق ئىستراتېگىيىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.
      2008 - يىلى، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن دۇنيا بانكىسى ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان 15 تىن ئارتۇق تۈرنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈردى.بۇ ھەمكارلىق پەقەت پۇل مۇئامىلە ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە سەھىيە - ساقلىق ساقلاش، يېمەكلىك، مائارىپ ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلدى.
      سۆھبەت جەريانىدا شىگەيئو كاتسۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئۆزبېكىستان ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلاھات دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ ئۆزبېكىستانغا بولغان تەسىرىنى كىچىكلىتىدۇ، دۇنيا بانكىسى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ.


      ئۆزبېكىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن تەرجىمە قىلىندى

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博