تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، شەھەر بوشلۇقىدا قېلىن ئىس- تۈتەكنى كۆرگىلى بولىدۇ
« رەسىم گېزىتى» نىڭ 23- ئاپرېل بەرگەن خەۋىرى: شۇ كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، شەھەر بوشلۇقىدا قېلىن ئىس- تۈتەكنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
شۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن يەر فوتوگرافلار ۋە مودېللار يىغىلغان يەر ئىكەن. ھازىرغىچە 60 نەچچە بىناغا ئوت تۇتۇشۇپ كەتتى. ئوت تۇتۇشۇپ كەتكەن بىنانىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرى بار ئىدى، بۇ مەھسۇلاتلار ئوت ئۆچۈرۈشكە زور دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلدى.
ھازىرغىچە ئۆلۈش- يارىلىنىش ئەھۋاللىرى يوق، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ھەركىتىگە ئاتلىنىپ كەتتى.