ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چىقىدىغان «‹ Wall Street Journal› گېزىتى»، ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كىرىزىس توغرۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.گېزىت، ماقالىدا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.ماقالىدا يەنە، تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىزچىل تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى، 2011 - يىلى نويابىر ئېيىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئاشقانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ نىسبەتنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.گېزىت، تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتىنمۇ ئىچىل تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.سانائەت ساھەسىنىڭ ياۋروپا ئېكسپورت بازارلىرىدىكى تەلىپىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گېزىت، تۈركىيەنىڭمۇ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.