تۈركىيە زۇڭتۇڭى دۇبەيدە زىيارەتتە بولدى

112 2012-02-02 13:22:23   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

   تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللاھ گۈل، تۈنۈگۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى دۇبەيدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى.تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ كۈنتەرتىپىدە سۈرىيىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ بار ئىدى.زۇڭتۇڭ ئابدۇللاھ گۈل، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش قارارى توغرۇلۇق توختالدى.زۇڭتۇڭ ئابدۇللاھ گۈل، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قارارىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ھەمدە سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئىلگىرىمۇ ئاگاھلاندۇرغانلىقنى ئەسكەرتكەن ئابدۇللاھ گۈل، «بىز ئىلگىرىمۇ سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تولىمۇ خەۋپلىك بىر نۇقتىغا كېلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدۇق» دېدى.زۇڭتۇڭ ئابدۇللاھ گۈل زىيارەتلىرى دائىرىسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ جامەلىرىدىن بىرى بولغان شەيخ زايىد جامەسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.زۇڭتۇڭ ئابدۇللاھ گۈلنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى بولسا مۈشرىف سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى.ئابدۇللاھ گۈل، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەھبىرى ۋە ئەبۇ زەبى ئەمىرى شەيخ خەلىپە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن شەيخ زايىد ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.زۇڭتۇڭ ئابدۇللاھ گۈل، ئېكولوگىيىلىك شەھەر دەپ ئاتالغان ماسدار شەھىرىدىمۇ زىيارەتتە بولدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博