ماكېدونىيەدە مەلۇم بىر يېزىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە پائالىيەتلەرگە ئورۇن بېرىلگەنلىكىگە تۈركىيە نارازىلىق بىلدۈردى.تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، بۇ مەسىلە توغۇرلۇق ماكېدونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن رەسمىي دائىرىلەرنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى.سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگرادتا ئۇچرىشىشلاردا بولغان داۋۇتئوغلۇ، ماكېدونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى نىكولا پوپوسكى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.
داۋۇتئوغلۇ، «پىكىر ئەركىنلىكىگە ھەمىشە ھۆرمەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز، بىراق قايسى دىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا دىققەت قىلىش لازىم. ماكېدونىيەدە ئىسلام دىنى ۋە باشقا بارلىق دىنلارنىڭ قوغدىلىشى ماكېدونىيەنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى تېخىمۇ بېيىتىدۇ» دېدى.ماكېدونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى نىكولا پوپوسكىمۇ، «يەرلىك دائىرىلىرىمىز بۇ مەسىلىنى جىددىي تەكشۈرمەكتە، دۆلىتىمىزدە بارلىق دىنلارنىڭ بىرلىكتە ۋە تىنچلىق ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.داۋۇتئوغلۇ، بېلگرادتا گىرېتسىيە، سېربىيە قاراتاغ ۋە كىرودىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى.