بېكخام ئايالى ۋىكتورىيە بېيجىڭغا كەلدى

0 2012-04-25 12:15:30   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

23-ئاپرېل كەچتە، ۋىكتورىيە بېيجىڭ گوماۋدىكى مەلۇم بىر كىيىم-كېچەك دۇكىنىدا پەيدا بولۇپ، لاھىيىلىگۈچىلىك سالاھىيىتى بىلەن ئۆزىنىڭ تەييار كىيىم ماركىسى VictoriaBeckhemنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىش ئاددىي ھاراق زىياپىتى ئۆتكۈزدى. زىياپەت مەيدانى داڭلىق مودىل جاڭ كۇئەنلىن قاتارلىق تاماشا چەمبىرىكىدىكى زاتلارنى جەلپ قىلىپلا قالماستىن، بەي بەيخې، لىن پىڭ قاتارلىق ئايال چولپانلارمۇ بۇ زىياپەتكە تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى.
    ئۆزىنىڭ تەييار كىيىم ماركىسى بولغان ۋىكتورىيە، كىيىنىش ۋە ياسىنىش جەھەتتە ئىزچىل تاماشا چەمبىرىكىدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ۋە تار كۆينەك كىيمەيدىغان ئۇسلۇبىمۇ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالغان. كەچ سائەت يەتتىلەردە، ۋىكتورىيە قىزىل پالاسقا قەدەم قويغان بولۇپ، ئاۋۋالقىدەك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ  بىلەن تار كۆينەك كىيىۋالغانىدى. پۇتىدىكىسى پاشنىسى ناھايىتى ئېگىز بولغان ئۆتۈك بولۇپ، كۆينىكىمۇ قامىتىنى نامايان قىلىپ، سالاپىتىگە سالاپەت قوشۇلغانىدى، قارىماققا ئۇنىڭ تۆت بالىنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىگە ئادەمنىڭ ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ ئىكرانىغا يۈزلەنگەندە، ناھايىتى كەسپىي ھالدا نەق بەش مىنۇت پوكۇس چىقىرىپ تۇرۇپ بېرىپ، ھەرقايسى نۇقتىلاردىن سۈرەتكە تارتقۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ ھېچقانداق ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماي، سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقاندا، ئالدىراپ دۇكان ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
    تەكلىپكە بىنائەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقا بە بەيخې ۋىكتورىيىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق تار كۆينىكىنى تاللىمىغان بولۇپ، سېرىق رەڭلىك كەڭ كۆينەك كىيىپ ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى نامايان قىلدى. ۋىكتورىيىگە بولغان تەسىراتى ھەققىدە توختالغاندا، بەي بەيخې ئۇنى ناھايىتى كەسكىن، قابىلىيەتلىككەن دەپ تەرىپلىدى. ئوخشاشلا ئانا بولغان بەي بەيخې ئەپسۇسلانغان ھالدا «ۋىكتورىيە ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئانىسى، ھەقىقەتەنمۇ جاسارەتلىككەن» دېدى.
    پائالىيەت سورۇنىدا، بۇ كىيىم-كېچەك دۇكىنى ۋىكتورىيە لاھىيىلىگەن ئەسەرلەرنى پۈتكۈل پوكەيگە تىزىۋىتىپ، مودا زاتلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، داڭلىق مودىل جاڭ كېئەنلىنمۇ ئۆزىنىڭ ئىزچىل ۋىكتورىيىنىڭ تېتىك بولغان لاھىيىلەش ئۇسلۇبىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭدىكى ئىككى كۈنلۈك سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ۋىكتورىيە 25-ئاپرېل شىياڭگاڭغا بېرىپ مودا پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگودىكى سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博