4-ئاينىڭ 24-كۈنى، جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 2012 يىللىق شىنجاڭدىكى ئايروپىلان كۈتكۈچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى تاللاش رايونى جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە قوبۇل قىلىشنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسى بۇ قېتىمىلىق تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى پىلانىدا شىنجاڭدىكى 16 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن 400 دىن ئارتۇق كۈتكۈچى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇ شىنجاڭ تارىخىدا قوبۇل قىلىدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ،كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق ئايروپىلان كۈتكۈچىسى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ھېسابلىنىدىكەن.