كىلولۇق بودەك ئىككى يىلدا ئورۇقلاپ 87كىلوغا چۈشتى

0 2012-04-26 11:09:06   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     ئەنگلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»خەۋىرى،ئۆزىنىڭ ھەدىدىن زىيادە سېمىز بودەك ھالىتىدىن قاتتىق خىجىل بولغان ئەنگلىيەلىك بويى 1.88مېتىر،،ئېغىرلىقى 197كىلو چىقىدىغان ئەر ئىككى يىلدا ئورۇقلاپ بىراقلا 87كىلوغا چۈشكەن.
    بۇ يىل 29ياشقا كىرگەن مارسېل.بۇرىگېسنىڭ ئانىسى مارسېلنىڭ ئون نەچچە يېشىدىلا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ،شۇ چاغدىن تارتىپ تېز تاماقخانىلاردا تاماق يەپ،يۇقىرى قەنت تەركىبلىك نەرسىلەرنى يەپ ئىككى يىل ئىلگىرىكى ھالەتكە كېلىپ قالغان،ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە ئۆزىنىڭ چېلەكتەك بېلىنى ھەم ساڭگىلاپ كەتكەن قورسىقىنى كۆرۈپ ئۆزىگە قاتتىق ئىرادە باغلاپ،قاتتىق ئورۇقلاشقا كىرىشكەن،شۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك ،يۇقىرى ماي تەركبلىك،يۇقىرى قەنت تەركىبلىك يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرغان.نورمال بەدەن ئېغىرلىقىغا قايتىش ئۈچۈن ئۇ 2010-يىلى يانىۋاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش كۇلۇبىغا قاتناشقان،يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ساغلاملاشتۇرغان،كۆپ ھەرىكەت قىلغان.شۇنىڭ بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى 111كىلوغا چۈشكەن.
  مارسېلنىڭ ھازىرقى ئېغىرلىقى 87كىلو بولۇپ،نۆۋەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇش كۇلۇبىدىكى ئورۇقلاش چىمپىيونى بولۇپ قالغان.ھازىر ئۇ ئورۇقلاش گۇرۇپپىسىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ،تەربىيلەشنى باشلاپ،كەسپىي ئورۇقلاشقا مەسلىھەت بېرىش خادىمى بولۇشقا تىرىشۋاتماقتا.نۆۋەتتە ئۇ2012-يىللىق دۇنيادىكى ئورۇقلاش چىمپىيونى بولۇپ قالغان.

 

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博