نىجاد پۇقرالارنىڭ قورشاپ نارازىلىق بىلدۈرىشىگە ئۇچرىدى

611 2012-04-20 11:16:28   نۇر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئەنگېلىيە ‹‹كۈندىلىك تېلگراف گېزىتى››نىڭ خەۋىرى ، بىر يان تېلفوندا تارتىۋېلىنغان ۋېدىئودا كۆرسىتىلىشىچە ، ئىران زۇڭتوڭى نىجاد بىر ھەپتە بۇرۇن ئىراننىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى  بەندار ئابباس شەھىرىدە رەسمى زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا ، بىر قىسىم ئامما ئۇنىڭ مەخسۇس ماشىنىسىنى قورشىۋالغان ، ھەتتا بىر كىشى ئۇنىڭ ماشىنىسى ئۈستىگە سەكرەپ چىقىپ نارازى بولغان . بۇ ئىران دۆلەت ئىچىدىكى پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ . 
    بۇ ۋېدىئودا كۆرسىتىلىشىچە ، نىجاد ماشىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ خەلققە قولىنى پۇلاڭشىتىپ سالام بەرگەن ، لىكىن دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىر ياشانغان كىشى ماشىنىنىڭ ئادى ئىشىكىنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇۋېلىپ ‹‹قورسىقىم ئېچىپ كەتتى ، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى!››دەپ ۋاقىرىغان . نىجادنىڭ يېنىدىكى قوغدىغۇچىسى ھودۇقۇپ كېتىپ ، دەرھال بۇ كىشىنى ئاجرىتىۋەتكەن .

     بۇ ۋاقىتتا يەنە ياغلىق چىگىۋالغان بىر ئايال سەكرەپ ماشىنىنىڭ ئالدى قاپقىقىغا چىقىپ ، ئاندىن ماشىنىنىڭ چوققىسىغا چىقىۋېلىپ  ، ئۆزىنى باسالمىغان ھالدا نىجادقا بىر نىمىلەرنى دېگەن . نىجاد ئۇنى چۈشۈپ كېتىشكە ئىشارەت قىلغاندا ، بۇ ئايال ئاندىن ئاستا-ئاستا ماشىنىنىڭ كەينى تەرىپىدىن  چۈشۈپ كەتكەن .
     ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە ، بۇ ۋېدىئو پەقەت ئۈچ مىنۇت بولسىمۇ ، لىكىن ئىران پۇقرالىرىنىڭ مال باھاسىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئۆسىشى ۋە ئىقتىساد يۆنىلىشىنىڭ ناچارلىشىشىغا نىسبەتەن ھۆكۈمەتكە بولغان ئازدۇر-كۆپتۇر نارازىلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ . نىجادنىڭ ھازىرقى كۈنلىرى ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئۆتمەكتە ، بىرىنچىسى ، غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ يادرو پىلانى سەۋەپلىك جازالاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ . ئىككىنچىسى ، ئۇنىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى كامېنېينىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بارغانسېرى جىددىلەشمەكتە . ئۈچىنچىسى ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى چەكلىك بولىۋاتىدۇ .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博