جۇڭگو خەۋەر تورى1-ئاپرېل تېلگراممىسى: ئىران ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 31-مارت خەۋەر قىلىشىچە ، ئىران ماشىنا ئادەم دۆلەتلىك كومىتىتىنىڭ رەئىسى ، يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 7-نۆۋەتلىك ئىران ماشىنا ئادەم مۇسابىقىسىدە ، 4نەپەر دۆلەت كوماندىسى ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بىر كوماندا ، ماشىنا ئادەم بىلەن مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مۇساخانىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئىران چازۋىن ئىسلام ئەركىنلىك ئونۋېرسىتىتى لاھىيىلىگەن ئوتتۇرا تىپتىكى ماشىنا ئادەم بىلەن ئىراننىڭ داڭلىق پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى مۇسابىقىلىشىدىكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇرۇنقى ماشىنا ئادەم مۇسابىقىلىرىدە ، ئىران ماشىنا ئادىمى بىلەن خەلقئارادىكى بىر مۇنچە ماشىنا ئادەم قوشۇنى مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن.
مەلۇم بولۇشىچە ، مۇساخانى ئۆتكەن يىلىدا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ۋاراتارى بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىكەن.
يەنە ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ قېتىملىق ماشىنا ئادەم مۇسابىقىسىگە ، بىر مۇنچە خەلقئارالىق داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پروفېسسورلىرىمۇ قاتنىشىدىكەن ھەم نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.