جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:ئىككى كۈن ئېچىلغان ئومان بىلەن ئىراننىڭ ئىستراتېگىيىلىك كېڭىشىش كومىتېتىنىڭ تۇنجى يىغىنى 8-ئاپرېل ئوماننىڭ پايتەختى ماسقاتتا ئاياغلاشتى.
ئومان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ۋەزىرى ئەخمەد بېن يۈسۈف خارىش بىلەن ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەرەب، ئافرىقا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى ئامىر ئابدۇللا راخيان بۇ قېتىمقى يىغىنغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.
راخيان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران ئوماننىڭ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تەكشى، ئېھتىياتچان مەيدان تۇتقانلىقىدىن قايىل، ئىران ئومان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
راخيان مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ يىغىندا يەنە ئىراننىڭ ئومانغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشى، ئىككى دۆلەت ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئومان بىلەن ئىران ئارىسىدا بىۋاسىتە ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئېچىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ