نىجاد:ئەزەربەيجان دۈشمەنلىرىگە يول بەرمەيدۇ،دېدى

851 2012-03-19 10:30:26   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى،تېھران،14-مارت تېلىگىراممىسى:

   ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى نىجاد ئۈلۈشكۈن ئەزەربەيجاننىڭ زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سەپەرگە مۇنداق دېدى:ئىران <دوستى ۋە قېرىندىشى> بولغان قوشنا دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭ ئىراننىڭ دۈشمەنلىرىگە يول بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ،چۈنكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان سالماقچى بولۇۋاتىدۇ.

   سەپەر ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى:ئەزەبەيجان ئىرانغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلمايدۇ،شۇنداقلا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىدىغانلارنىڭ ئەزەربەيجاندا پەيدا بولۇشىغا يول قويمايدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博