80ياشتىن ئاشقانلارغا 50يۈەندىن200يۈەنگىچە تۇرمۇش ياردەم پۇل بېرىلدۇ

3 2011-07-14 13:22:11   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئاپتونوم رايونلۇق 11-ئىيۇل دائىمىي كومېتىتىنىڭ يىغىنى ئېچىپ ،80ياشتىن ئاشقانلارغا ئاساسىي تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمى ۋەئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى يىلدا بىر قېتىم ھەقسىز تەكشۈرۈش تۈزۈمى ،ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە كاپالەت ئۆلچىمى بىلەن مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى چېتىش بىرلەشمە ھەرىكەت مىخانىزمنى ئورنىتىشنى مۇزاكىرە قىلدى ،‹ئاپتونوم رايوننىڭ باھالاش ،ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش تەپسىلىي پېرىنسىپى ›قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى .

   يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى :بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ،ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايوندىكى يېزا نوپوسىدىكى ۋە يېزا نوپوسىدا بولمىغان 80ياشتىن ئاشقانلار (80ياشتىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا ئاساسىي تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتلىدۇ،80ياشتىن89ياشقىچە بولغانلارنىڭ ھەربىرىگە ئايدا 50يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلدۇ،90ياشتىن 99ياشقىچە بولغانلارنىڭ  ھەربىرىگە 120يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىلدۇ ،100ياش ۋە 100ياشتىن ئاشقانلارغا ھەرئايدا 200يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلدۇ ؛ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايوندىكى ،يېزا نوپوستىكى ۋە يېزا نوپوسىدا بولمىغان 80ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سالامەتلىكى يىلدا بىر قېتىم ھەقسىز تەكشۈرىلىدۇ،ئۆلچىمى2-دەرىجىلىكتىن تۆۋەن  دوختۇرخانا  (2-دەرىجىلىكتىن دوختۇرغانىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە )لارنىڭ ئادەتتىكى سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىندۇ،يەنى ھەربىر كىشىنىڭ ھەرقېتىملىق سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى 132يۈەن بولىدۇ.   

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博