مېھمانسارايلاردا بوش ياتاقنىڭ بار-يوقلۇقى توردا بىلگىلى بولىدۇ

42011-07-14 13:21:50   ئۈ رۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    جوڭگو- ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە شەھىرىمىزدىكى بارلىق ئۈچ يۇلتۇزلۇقتىن يۇقۇرى مېھمانسارايلارنىڭ (ئۈچ يۇلتۇزلۇقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ياتاقلىرىنى توردا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ ،كۆرگەزمىگە قاتناشقىلى كەلگەن ياقا يۇرتلۇق سودىگەرلەرنىڭ ياتاققا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى قاندۇرىلىدۇ.
     ئىگىلىنىشچە ،ئاپتونوم رايونلۇق ئىدارىسى ‹جوڭگو -ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ساياھەتچىلىكىتىكى كۈتۈۋېلىش ئىشلىرىنى توردا ئورۇنلاشتۇرش سەھنىسى ›نى ئاچقان .شەھرىمىزدىكى 83 ئۈچ يۇلتۇزلۇق يۇقۇرى مېھمانساراينىڭ (ئۈچ يۇلتۇزلۇقنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ )مەسئۇللىرى 11-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە تەربىيلەشكە قاتنىشىپ ،بۇ سەھنىنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ئىگىلىدى.
    ئىگلىنىشچە ،بۇ سەھنە شەھرىمىزدىكى يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلارنىڭ ئاساسىي ماتېرىيالى ،ياتاق ئۇچۇرى،ياتاق باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى ،تور ئەھلنىڭ توردا ئالدىن زاكاز قىلىپ پۇل يۆلەش ئەھۋالى تۆت خىل ئىقتىدارلىق بۆلەكتىن تەركىب تاپقان .بۇ سەھنە 1-ئىيۇلدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ،1-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن ساياھەتچىلەر شەھرىمىزدىكى ئۈچ يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلارنىڭ ياتاقلىرىنى توردا ئالدىن زاكاز قىلالايدىكەن .