بۇ بىر جۈپ ياشانغانلارنىڭ بىر ئوغلى ۋە بىر قىزى بار بولۇپ، ئۇلار ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن پەقەتلا كارى بولمىغان، ئىككى يىلدىن بېرى بېرەر قېتىممۇ ئەخلەت تېرىپ جان باقىدىغان بىچارە ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كەلمىگەن، ھەتتا تېلىفۇنمۇ ئۇرۇرپ باقمىغان، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىلىرىنىڭ قەيەردە ئوقۇيدىغانلىقىنىمۇ، نېمە ئوقۇيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ، نېمە سەۋەبتىن ئۆزلىرىنى ئىزدىمىگەنلىكىنمۇ بىلمەيدىكەن، ئانا 52 ياشقا كىرگەن ھەم كېسەلچان ئىكەن، بۇ ئېھتىمال كېسەلچان ھەم بىچارە ئاتا-ئانىنىڭ شۇ بالىلىرىغا يېتەرلىك پۇل بېرەلمىگەن «گۇناھى» دىن بولسا كېرەك!