يېقىندا توردا پەيدا بولغان ‹باسقۇنچىلىق قىلغاندىن قېيىن ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرگەن لى چاڭ كۈيگە كىم (ئۆلۈمدىن ساقىت قىلىش تاختىسى)بەردى؟ ›دېگەن چاپلىما تور ئەھلى ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە پەيدا قىلدى .بۇ تور چاپلىمىسىدا ئېيتىلىشچە ،يۈننەن چاۋتۇڭلۇق لى چاڭكو كەنىتتىكى 18ياشلىق ۋاڭ جافىغا باسقۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن ،ئۇنى ئۈچ ياشلىق ئىنىسىغا قوشۇپ ئۆلتۈۋەتكەچكە،1-سوتتا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن .بىراق يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىپ ،لى چاڭكۈيگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرىغان،بۇنىڭغا لى چاڭكۈي ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ ،جىنايىتىنى تونۇغانلىقى ھەمدە جىنايىتىگە توۋا قىلىش پوزىتسىيىسى ياخشى بولغانلىقى ،يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىقۇچىنىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە تەششەبۇسكارلىق بىلەن ئىقتىسادىي تۆلەم بەرگەنلىكى سەۋەب بۇپتۇ .تور ئەھلى لى چاڭكۈينىڭ ۋاڭ جىيا فېيغا ئالدى بىلەن باسقۇنچىلىق قىلىپ ،كېيىن ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكى ،ھەتتا نەق مەيداندا بار ئۈچ ياشلىق گۇۋاھچىنىمۇ ئۆلتۈرگەنلىكى ئۇنىڭ جىنايەت خاراكتېرىنى ‹ۋەھشى›دەپ بېكىتىشكە يىتىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.