تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل ئاپتونوم رايونىمىزدا زىيارەتتە بولدى

2765 2009-06-30 12:01:10   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   salam
T|T:خەت رەزمىرى

شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:

ئۆز مۇخبىرىمىز رامىلە ئەلى خەۋەر قىلىدۇ:

   مۇشۇ ئاينىڭ 28- كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل تۈنۈگۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر كۈن دوستانە زىيارەتتە بولدى. ئۇ، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

 

كۆرۈشۈشتە، نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە ناھايىتى ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ھەمكارلاشتى، بولۇپمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەت، مىللىي ئۆرپ- ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارغا ئىگە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ئۆز ئارا تۇلۇقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تاشقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردە يەنىمۇ كۆپ تەرەپلىمە، كۆپ قاتلام ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز."

ئابدۇللا گۈل مۇنداق دېدى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ ناھايىتى بۇرۇنلا ئىقتىساد- سودا ئالاقىسىنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلۇشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد، ساياھەت، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ دوستانە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغۇسى.

 

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

زىيارەت مەزگىلىدە، ئابدۇللا گۈل يەنە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا كېلىپ قىزغىن نۇتۇق سۆزلەپ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ نۇتۇقىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلۇشتى، ھالبۇكى جۇڭگو شىنجاڭ ئىككى دۆلەت ئالاقىسىدىكى مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى. تارىختا، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ناھايىتى ياخشى سودا مۇناسىۋىتى ۋە ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىنى ساقلاپ قالغان. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى تەدرىجىي ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر مۇھىم سودا مەركىزى بولۇپ قالدى. تۈركىيىدىكى نۇرغۇن كارخانىچىلار دىققىتىنى جۇڭگو شىنجاڭدىن ئىبارەت مەبلەغ سېلىشتىكى بۇ ئەزىز ماكانغا قاراتتى. بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ تاشقى سودا، ئىقتىساد، بېرىش- كېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ياڭ گاڭ كۈتىۋېلىش سۆزىدە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز تەرەققىي قىلغان ۋە مۇقىم بولغان ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن ئىقتىساد - سودا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپلا قالماستىن، ئىككى تەرەپنىڭ مائارىپ، ئىختىساسلىقلار، ئىلىم- پەن قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىسىنىمۇ كۈچەيتىپ، دوستلۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئابدۇللا گۈلگە پەخرىي پروفېسسور دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى.

ئابدۇللا گۈل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يەنە قىزىلتاغ باغچىسىغا بېرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆزدىن كۆچۈردى. شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك پاي شىركىتى بىلەن شىنجاڭ جىنفىڭ پەن- تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

ئىگىلىنىشچە: بۇ قېتىم ئابدۇللا گۈل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئېلىمىزدە 6 كۈن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزغا زىيارەتكە كېلىشتىن ئىلگىرى، يەنە شەنشى، شىنجىن قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان.
 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博