ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

52 2009-06-12 11:26:14   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان 60 يىلدىن بۇيان، تۈرلۈك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

«ئۆزگىرىش زور» --- بۇ نۇر بەكرىنىڭ شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان 60 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە بەرگەن تۈپ باھاسى. ئۇ مۇنداق دېدى: 60 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز زورايدى، 2008 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1978 - يىلىدىكىدىن 20 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى؛ يېزا ئىقتىسادىي ئومۇميۈزلۈك تېز تەرەققىي قىلدى، سانائەت ئىگىلىكىدە تۈرلىرى تولۇق، دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە، ئاپتونوم رايون ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان زامانىۋىي سانائەت سىستېمىسى شەكىللەندى؛ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ستراتېگىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز سىلجىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ ئاساسلىق نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش رايونى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم نېفىت ستراتېگىيە بازىسى، كۆمۈر بازىسى بولۇپ قالدى.

   نۇر بەكرى قانداق قىلغاندا شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورۇن ئۈستۈنلۈكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە 167 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق، كېيىنكى قەدەمدە، بىز يەنە چەتئەللەر بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز.

نۇر بەكرى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: 60 يىلدىن بۇيان، پارتىيىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق. بۇ جەرياندا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇن قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، نۆۋەتتە، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى 360 مىڭغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە گۈللەپ ياشناش، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىناقلىقى ئىدىيىسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردۇق. شىنجاڭدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنىڭ پۈتكۈل مىللەتلەر ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەھمىيىتىنى دېمىسەكمۇ ھەممىگە مەلۇم.

   نۇر بەكرى شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، يېزا ئىگىلىك بېجى كەچۈرۈم قىلىندى، مائارىپتا مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئاۋۋال "ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە تولۇقلىما بېرىش" سىياسىتىنى يولغا قويۇلدى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان قىسقىغىنە 5 يىلدا، 1 مىليون 890 مىڭ ئائىلە، 8 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالە يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېقىن كەلگۈسىدە، شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ شەرقتىكى دېڭىز بويىدىكى دېھقانلارغا ئوخشاش بىر قەدەر باياشاد تۇرمۇش كۆچۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. 

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博