ئاپتونوم رايوننىڭ "ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈت پىلانى" تۈنۈگۈن رەسمىي يولغا قويۇلدى. "ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈت پىلانى" نى يولغا قويۇش مۇراسىمىنىڭ ئاساسلىق يىغىن مەيدانى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەسىس قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3ـ ئاينىڭ 27ـ كۈنى، "سۈتچىلىك كەسپىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى"نى تارقىتىپ، بۇ يىلدىن باشلاپ مالىيىدىن تولۇقلىما بىرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، "ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈت پىلانى"نى يولغا قويۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى.
"ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈت پىلانى"نى يولغا قويۇش مۇراسىمىنىڭ ئاساسلىق يىغىن مەيدانىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن سۆز قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈت پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى؛ ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيىتپ، ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈتلەرنى ساقلاش، باشقۇرۇش، تارقىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك يۇشۇرۇن خەۋپلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسىنى پائال ئورنىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، تۈنۈگۈندىن باشلاپ، "ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈت" پىلانى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 290 دىن كۆپرەك مەكتەپ، 280 مىڭغا يېقىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن.