ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل جەمئىيەتتىن 9 مىڭ 339 نەپەر ئالاھىدە ئىش ئورنىلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىدۇ

0 2009-05-30 13:37:59   ئىنتېرنېت   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى
  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل جەمئىيەتتىن 9 مىڭ 339 نەپەر ئالاھىدە ئىش ئورنىلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىدۇ، بۇ ئىش ئورۇنلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 81 ناھىيە، شەھەرگە تارالغان. ئالاھىدە ئىش ئورنىلىق ئوقۇتقۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساسلىق زاپىسى ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرىلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەكتەپلەر قوبۇل قىلغان ئالاھىدە ئىش ئورنىلىق ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئالدى بىلەن يېزا مەكتەپلىرىدە ئۈچ يىل مۇلازىملىق قىلىشى، مۇلازىملىق ۋاقتى توشقاندىن كىيىن باھالاشتا لاياقەتلىك بولسا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇقىم ئىشتاتلىق مەكتەپلەرگە قايتىپ خىزمەت قىلىشى كېرەك. ئىگىلىنىشىچە، ئالاھىدە ئىش ئورنىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ئالدىنقى ئۈچ يىلدا مەركەز مالىيىسى ھەر بىر كىشىگە يىلىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 18 مىڭ 960 يۈەن خىراجەت ئاجرىتىدىكەن ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنى تۈرلۈك تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىدىكەن. ئۈچ يىلدىن كىيىن مائاش تەمىناتى ئاپتونوم رايون مالىيىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن، ئىشتاتى ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۇتاش ھەل قىلىنىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博