ئامېرىكا جۇڭگودىن پاكىستاننىڭ تالىبانلارغا زەربە بېرىشىگە ياردەملىشىشىنى ئۈمىد قىلدى

8 2009-05-30 13:31:48   شىنجاڭ گېزىتى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

   پاكىستاننىڭ تالىبانلارغا قورشاپ زەربە بېرىشى ئامېرىكىنىڭ نېرۋىلىرىنى ھەر ۋاقىت غىدىقلىماقتا. ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹برادېنتون پېشۋالار گېزىتى››نىڭ 24 – مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ئۈزۈل – كېسىل تۈگىتىپ، پاكىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئوباما ھۆكۈمىتى جۇڭگودىن پاكىستاننىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى تەربىيىلەش ۋە پاكىستاننى ھەربىي قورال – ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلغان. بۇ مەسىلە توغرىسىدا جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەر: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا نۇرغۇن ئورتاق مەنپەئىتى بولسىمۇ، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى بويىچە ئىش قىلماستىن ب د ت رامكىسى ئىچىدە ھەرىكەت قوللىنىدۇ، دەپ قارىدى.

   خەۋەردە: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ خەلقئارا خەۋپسىزلىك ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئورنىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلسىمۇ، جۇڭگو ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ باقمىغان، دېيىلدى. لېكىن يەنە بىر خەۋەردە: جۇڭگونىڭ پاكىستاننىڭ تالىبانلارغا زەربە بېرىشىگە ياردەملىشىشىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ، سەۋەبى شۇكى، پاكىستاندا داۋالغۇش كۆرۈلسە، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، تالىبان قاتارلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئەسەبىيلىشىشى جۇڭگونىمۇ ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ، دېيىلدى. خەۋەردە ئامېرىكىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: جۇڭگو بۇ مەسىلىنى ئويلىشىۋاتىدۇ، دېيىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇنداق قارىدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئارىسىدا زىچ ھەربىي ھەمكارلىق بار، پاكىستاننىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىشتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، دېيىلدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەت 20 – ئەسىرنىڭ 60 يىللىرى باشلانغان، ھازىرغا قەدەر جۇڭگو پاكىستانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئايروپىلان، ھەربىي پاراخوت ۋە تانكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممىتى نەچچە مىليارد دوللارلىق ھەربىي قورال – ياراغلارنى سېتىپ بەرگەن، جۇڭگونىڭمۇ پاكىستاندا زور ئىقتىسادىي مەنپەئىتى بار ئىكەن، ھازىر جۇڭگونىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش تېخنىكى پاكىستاندا خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ.

   بۇ، غەربنىڭ جۇڭگودىن باشقا دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى تۇنجى قېتىم تەلەپ قىلىشى ئەمەس. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بروۋن جۇڭگودىن ئاففانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بۇنى چىرايلىقچە رەت قىلغانىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكىلىق ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، ش ئا ئە ت نىڭ ئىچكى قىسمىدا جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ۋاخان كارىدورىنى ئارىيەتكە ئېلىپ، ئۇنى ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات ئورنى قىلىش سادالىرى چىققان. بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەستىقلىغان ب د ت نىڭ تىنچلىق قوغداش ھەرىكىتىدىن سىرت، جۇڭگو چەت ئەلدە تۇرۇشقا قەتئىي ئەسكەر ئەۋەتمەيدۇ، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.

   جۇڭگو ئەزەلدىن پاكىستاننىڭ ئىچكى ئىشىنى باھانە قىلىپ پاكىستانغا ھەربىي ياردەم بەرگىنى يوق، جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ئاشكارا بولۇپ، ئىككى دۆلەت 3 – دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش كۆرمەستىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئالاھىدە كېلىشىم ۋە پىلان بويىچە ئىش كۆرىدۇ، دېدى پاكىستاننىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ھاررى 24 – ماي ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرىغا. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنى جۇڭگو بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرى بەلگىلەيدۇ. پاكىستاننىڭ ھەربىي قىسمى دەرۋەقە جۇڭگودىن تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ قوراللار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن، بۇ ھەم پاكىستاندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان جۇڭگونىڭ ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بېرىش ھەم پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇر. لېكىن ئىككى تەرەپ ھەرگىز جۇڭگو پاكىستاننىڭ تالىبانغا زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىدۇ، دېگەن نام بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ئۈستىدە سۆھبەتلەشمەيدۇ.

   جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى يۈەن پېڭ مۇنداق دېدى: پاكىستان ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش مەركىزى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىن پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىشى ئۆزىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرگە قارىتا تەلىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەنكى، ش ئا ئە ت ھەربىي جەھەتتە مەدەت بېرىدۇ، ياپونىيە مەبلەغ ۋە ھەربىي مەدەت بېرىدۇ، جۇڭگوغا ئىقتىسادىي ياردەم، خادىم تەربىيىلەش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. جۇڭگو ئىلگىرى ب د ت رامكىسى ئىچىدە ھەرىكەت قوللىنىشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنىدى، گەرچە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ئورتاق مەنپەئىتى ۋە نىشانى بولسىمۇ، جۇڭگو ھەرگىز ئامېرىكىنىڭ ئۈمىدى ھەم دېگىنى بويىچە ئىش قىلمايدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博